چادتا بوكو ھارام تەشكىلاتى نۇرغۇن ئادەمنى قەتل قىلدى
ئوتتۇرا ئافرىقا دۆلىتى چادتا بوكو ھارام تەشكىلاتى 18 ئادەمنى قەتل قىلدى.
1017394
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوتتۇرا ئافرىقا دۆلىتى چادنىڭ شەرقىدە بوكو ھارام تەشكىلاتى تېررورلۇق ھۇجۇمى سادىر قىلىپ 18 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.
تەشكىلات چادنىڭ شەرقىگە جايلاشقان دابوۋا يېزىسىدا ھۇجۇم سادىر قىلدى.
ھۇجۇمدا 18 ئادەم ئۆلۈپ 2 ئادەم يارىلاندى، 10 ئايال گۆرۈگە ئېلىندى.
نىگېرىيەدە 2000-يىللاردا باش كۆتۈرگەن بوكو ھارام تەشكىلاتى 2009-يىلدىن بۇيان كەڭ كۆلەملىك تېررورلۇق ھۇجۇمى سادىر قىلىپ 20مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولدى.