ياپونىيەدە ھاۋانىڭ ئىسسىپ كېتىشى 14 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

ھاۋانىڭ ئىسسىقلىقى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 39.3 گىردۇسقا ئۆرلىگەنلىكى تۈپەيلىدىن بىتاب بولغان 10 مىڭ كىشى دوختۇرخانىدا بالنېتسقا ئېلىندى.

1015588
ياپونىيەدە ھاۋانىڭ ئىسسىپ كېتىشى 14 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوت ۋە تەبىئىي ئاپەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرىشىچە، دوختۇخانىدا بالنېستقا ئېلىنغانلارنىڭ نىسبىتى ئالدىنقى ھەپتىگە سېلىشتۇرغاندا %3.7 ئاشقان. پەقەت مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدىن بۇيانلا بالنېتسقا ئېلىنغانلارنىڭ سانى 5 مىڭغا يەتكەن.

مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى ئىسسىقنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، خەلقنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە سۇ ئېچىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى.

بۇ ئارىلىقتا 100 مىڭغا يېقىن ئۆينىڭ سۇسىز قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ھاۋانىڭ بارغانسىرى ئىسسىپ كېتىشىگە ئالدىنقى ھەپتە ياپونىيەنىڭ غەربىدە ياغقان شىدەتلىك يامغۇرلارنىڭ سەۋەب بولغانلىقى، سۇ ئاپىتى ۋە تاغ غۇلاپ چۈشۈش ۋەەقلىرىدە، تەخمىنەن 210 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، ئەمدىلىكتە ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارغا ياردەم قىلىش ۋە خارابىلىقلارنى تازىلاش خىزمەتلىرىنىڭمۇ قېيىنلىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى. 

باش مىنىستىر شىنزو ئابى ئاپەتتە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن جايلارنى تازىلاش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ سۈرئىتىنى تىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن 1000 نەپەر ئەسكەرنىڭ قاتناشتۇرۇلىشى ھەققىدە ئالاھىدە بۇيرۇق چۈشۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر