تىۋىتتېردا چوڭ تازىلاش ئېلىپ بېرىلدى

ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېر 2017 – يىلىنىڭ ئاخىرىقى 3 ئېيىدا، ئاز دېگەندىمۇ 58 مىليون ھېسابنى توڭلىتىپ قويدى.

1015358
تىۋىتتېردا چوڭ تازىلاش ئېلىپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تىۋىتتېرنىڭ «fire hose» دەپ نام بەرگەن سانلىق مەلۇمات ئانىلىز مەركىزىدىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، شىركەت ئۆكتەبىر ئېيىدا 15 مىليون، نويابىردا 18 مىليون ۋە دېكابىردا 25 مىليون ھېسابنى توڭلىتىپ قويغان.

ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلار، ماكروبىلوگلار، ساختا ھېسابلار، تەتۇر تەشۋىقات ۋە باشقا يامان نىيەتلىك ئىشلىتىشلەرگە قارشى كۈرەشلىرىنى يۇقىرى كۆتۈرگەنلىكىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ.

شىركەت ئاپرېل ئېيىدا، ئاز دېگەندە 30 كۈن ئىچىدە تىۋىتتېر ھېسابىنى بىر قېتىم بولسيىمۇ ئىشلىتىدىغان 336 مىليون ئاكتىپ ئىشلەتكۈچىسى بارلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. 

تىۋىتتېر 2016يىلى ئامېرىكىدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرىدا، رۇسىيە مەركەزلىك سۇيىئىستېمال ئۇرۇنۇشلىرىغا مۇنبەر يارىتىپ بەرگەنلىكى ۋە بۇ جەھەتتە كېرەكلىك تەدبىرلەرنى ئالمىغانلىقى سەۋەبىدىن تەنقىد قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر