غەززەدىكى نامايىشلار جەريانىدا 142 پەلەستىنلىك شېھىت بولۈپ، 16 مىڭ 496 كىشى يارىدار بولدى

غەززەدە 30 – مارتتىن بۇيان ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تىنچ نامايىشلار جەريانىدا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن 18 كىچىك بالىنى قوشقاندا، جەمئىي 142 پەلەستىنلىك شېھىت بولدى. 16 مىڭ 496 كىشى يارىدار بولدى.

1015710
غەززەدىكى نامايىشلار جەريانىدا 142 پەلەستىنلىك شېھىت بولۈپ، 16 مىڭ 496 كىشى يارىدار بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدىكى سەھىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئەشرەف قۇدرا ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، چېگرادا 30 مارتتىن بۇيان ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نامايىشلار جەريانىدا، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئوققا تۇتۇشى سەۋەبىدىن 18 كىچىك بالا، 2 ئايال، 2 سەھىيە خادىمى ۋە 2 مۇخبىرنى قوشقاندا، جەمئىي 142 پەلەستىن پۇقراسىنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەشرەف قۇدرا نامايىش جەريانىدا يەنە، 1190 كىشىنىڭ راست ئوق تېگىپ، 529 كىشىنىڭ پىلاستىك ئوق تېگىپ، 7421 كىشىنىڭ گازدىن تەسىرلىنىپ، 4356 كىشىنىڭ چاچرىغان پارچىلار تېگىپ ۋە 16496 كىشىنىڭ باشقا ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن يارىدار بولغانلىقىنى ئېيتتى.

يارىدارلار ئارىسىدا، 3126 كىچىك بالا، 1362 ئايال، بارلىقى، يارىدارلاردىن 391 كىشىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكى، 12113 كىشىنىڭ يېنىك يارىدار بولغانلىقى قەيت قىلىندى. 

ئەشرەف قۇدرا يارىدارلار ئارىسىدا ۋۇجۇدى كۆيۈپ كەتكەن كىشلەرنىڭمۇ بارلىقىنى، 60 كىشىنىڭ بەدىنىڭ تۆۋەن قىسمىدىن، 1 كىشىنىڭ بەدىنىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدىن ئەزا كېسىۋتىلگەنلىكىنى، 7 كىشىنىڭ بارماقلىرى كېسىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئەشرەف قۇدرا بۇلاردىن باشقا يەنە، رايوندا مۇلازىمەت قىلىۋاتقان 58 جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىنىڭمۇ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر