ئىيوردانىيە پارلامېنت ئەزالىرى باش مىنىستىرنى تۈركىيەدىن ئىلھام ئېلىشقا چاقىردى

ئىيوردانىيەلىك پارلامېنت ئەزالىرى، باش مىنىستىر ئۆمەر رەززازنى «تۈركىيەدىن ئىلھام ئېلىش» قا چاقىردى.

1014708
ئىيوردانىيە پارلامېنت ئەزالىرى باش مىنىستىرنى تۈركىيەدىن ئىلھام ئېلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىيوردانىيە پارلامېنت ئەزالىرى، ھۆكۈمەتنىڭ مىنىستىرلىق پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنتتىكى يىغىندا سۆز قىلىپ، مىنىستىرلىق سانىنىڭ كۆپلۈكىنى، بۇ جەھەتتە تۈركىيەدىن ئىلھام ئېلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

پارلامېنت ئەزاسى كەمال زەغۇل سۆز قىلىپ، «باش مىنىستىر ئۆمەر رەززازنىڭ تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى غەلىبە قىلغانلىقى ئۈچۈن تەبرىكلەپ، پەقەت 16 مىنىستىرلىقتىن تەشكىل تاپقان بىر ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىشىدىن ئىلھام ئېلىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم» دېدى.

ئۇ يەنە، ئىيوردانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا بانكىسى بىلەن بولغان قىيىنچىلىقلىرىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا، باش مىنىستىر رەززازنىڭ تۈركىيەنىڭ قانداق قىلىپ خەلقئارا مالىيە ئورگانلىرىغا قەرز بەرگۈدەك ھالەتكە كەلگەنلىكىنى بىلىپ بېقىشقا تىرىشىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

يەنە بىر پارلامېنت ئەزاسى بولسا، تۈركىيەنىڭ 16 مىنىستىرلىق بىلەن 80 مىليون نوپۇسنىڭ ئىشلىرىنى ھەل قىلىدىغان بىر ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىققانلىقىغا ئىشارەت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر