ئامېرىكا كونگرەسىنىڭ ئەزالىرى ترامپقا نارازىلىق بىلدۈردى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ فىنلاندىيە پايتەختى خېلسىنكىدا رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئېيتقان سۆزلىرى كونگرە ئەزالىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا ئىستىخباراتىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرىغا ئارىلاشقانلىقى ھەققىدىكى دەۋالىرىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتىشى، ۋاشىنگتوندا چوڭ نارازىلىقلارنى پەيدا قىلدى.
پىرېزىدېنت ترامپ پۇتىن بىلەن فىنلاندىيە پايتەختى خېلسىنكىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، موسكۋانىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرىغا ئارىلىشىپ-ئارىلاشمىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا، ئامېرىكا ئىستىخباراتىغا قاراتقان ھالدا: "ئۇلار رۇسىيەنىڭ ئارىلاشقانلىقىنى دەۋاتىدۇ، بىراق پىرېزىدېنت پۇتىن بىلەن كۆرۈشتۈم، بۇ ئىشنىڭ پەردە ئارقىسىدا رۇسىيەنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى. رۇسىيەنىڭ بولۇشى ئۈچۈن بىر سەۋەب يوق" دېدى.
ترامپنىڭ بۇ باياناتىغا، ئامېرىكا مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى ۋە كونگرە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. مىللىي ئىستىخبارات دىرېكتورى دىن كوتس يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىستىخبارات ئىدارىلىرىنىڭ رولىنىڭ پىرېزىدېنت ۋە سىياسەت تۈزگۈچىلەرگە كۈچىنىڭ بېرىچە ھەقىقەتلەرگە ۋە ئۇچۇرغا تايانغان دوكلاتلارنى سۇنۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
كوتس: "رۇسىيەنىڭ 2016-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرىغا ئارىلاشقانلىقى، دۆلىتىمىز دېموكراتىيەسىنىڭ ئۇلىنى كولاش ئۈچۈن داۋاملىشىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرى ھەققىدىكى باھايىمىزدا مەيدانىمىز ئېنىق بولدى. مىللىي خەۋپسىزلىكىمىزنى يىتۈك ۋە بىتەرەپ ھالدا ئىستىخبارات جەھەتتىن قوللاشنى داۋام قىلىمىز" دېدى.
ئامېرىكا كونگرەسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى پاۋل ريانمۇ پىرېزىدېنت ترامپنىڭ سۆزىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا سايلاملىرىغا ئارىلاشقانلىقى توغرىسىدا گۇمان يوقلۇقىنى بىلدۈردى. ئۇ دەلىل-ئىسپاتلارغا پەقەت ئامېرىكا ئىستىخباراتىلا ئەمەس، بەلكى ئاۋام پالاتاسى ئىستىخبارات كومىتېتىنىڭمۇ قاراپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ: "پىرېزىدېنت رۇسىيەنىڭ ئىتتىپاقدىشىمىز ئەمەسلىكىنى بىلىشى كېرەك. ئەڭ ئەقەللىي قىممەت قاراشلىرىمىز ۋە غايىلىرىمىزگە دۈشمەن بولغان رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئەخلاقىي تەڭپۇڭلۇقتىن گەپ قىلىش مۇمكىن ئەمەس" دېدى.
ئۇ يەنە، ئامېرىكانىڭ سايلاملارغا ئارىلاشقانلىقى ئۈچۈن رۇسىيەدىن ھېساب سورىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.
كېڭەش پالاتا ئەزاسى جون مىككائىن پىرېزىدېنت ترامپنىڭ پۇتىن بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى "ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ نومۇس قىلارلىق ئىقتىدارى" دەپ خۇلاسىلىدى.
ئۇ يازما باياناتىدا: "پىرېزىدېنت ترامپنىڭ تەجرىبىسىزلىكى، شەخسىيەتچىلىكى ۋە خاتا قاراشلىرىنىڭ زىيىنىنى ھېسابلاش ئىنتايىن تەس، ئەمما خېلسىنكىدىكى يىغىن تىراگېدىيەلىك خاتالىق بولدى" دېدى.
ئۇ ترامپنىڭ ناتو ئىتتىپاقداشلىرىغا تۇتقان قاتتىق پوزىتسىيەسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا پۇتىنغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتىشىغا " ئامېرىكانىڭ يۈزىنى ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈرۈش" دەپ باھا بەردى.
كېڭەش پالاتا ئەزاسى بوب كوركېرمۇ ترامپقا نارازىلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: "بۇنى دۆلىتىمىز ئۈچۈن ياخشى ئىش دەپ ئويلىمايمەن" دېدى.
ئۇ پىرېزىدېنت ترامپنىڭ باياناتىنىڭ ئامېرىكانى "بالىلار ئويۇنچۇقى" ھالىغا كەلتۈرۈپ قويغانلىقىنى ئېيتتى.
كېڭەش پالاتاسىدا جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ ئىككىنچى كۈچلۈك پالاتا ئەزاسى دەپ قارىلىدىغان جون كورنىين: "نېمە قىلىپ-قىلماسلىق توغرىسىدا رۇسىيەنىڭ سابىق ئىستىخبارات (ك گ ب) باشلىقى (ۋلادىمىر پۇتىن) نىڭ سۆزىنى نەزەرگە ئېلىشىمىز كېرەك دەپ قارىمايمەن" دېدى.
ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (CIA) نىڭ سابىق باشلىقى جون برېننانمۇ تۋىتتېردا پىرېزىدېنت ترامپقا نارازىلىق بىلدۈردى.
ئۇ ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا: "دونالد ترامپنىڭ خېلسىنكىدىكى ئاخبارات يىغىنىدا نامايان قىلغىنى: " <ئېغىر جىنايەت ۋە سەۋەنلىكلەر> بوسۇغىسىغا يۈكسېلىش، ھەتتا ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ كېتىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ خائىنلىقتىن باش نەرسە ئەمەس. ترامپنىڭ ئانالىزلىرى ئەخمەقلەرچە قىلىنغان ئانالىز بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۇنىڭ پۇتىننىڭ يانچۇقىدا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. جۇمھۇرىيەتچى ۋەتەنپەرۋەرلەر سىلەر قەيەردە؟" دېدى.
پىرېزىدېنت ترامپ بىريۇسسېل ۋە لوندون زىيارىتىدىن كېيىن، پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن خېلسىنكىغا بارغان ئىدى.