گېرمانىيەنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تۇتقان مەيدانى ئېنىق ئەمەس

گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تۇتقان پوزىتسىيەسى ئىزچىل ئۆزگىرىپ بارماقتا.

1013965
گېرمانىيەنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تۇتقان مەيدانى ئېنىق ئەمەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇشى سوئال بەلگىسى پەيدا قىلدى.

گېرمانىيە ھۆكۈمىتى پارلامېنتتىكى سولچىل پارتىيەنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى توغرىسىدا سورىغان سوئالىغا دۆلەت مەنپەئەتىنىڭ تەقەززاسى سەۋەبىدىن جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھۆكۈمەت ئەزالىرى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ بار يوقلىقى توغرىسىدا سورالغان سوئالغا،  ئىستىخبارات پائالىيەتلىرىگە زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ جاۋابسىز قالدۇردى.

ھۆكۈمەت پارلامېنتىغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

ھۆكۈمەتتىن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا شەخس، ئورگان ۋە تاراتقۇلار بىلەن 2017 ۋە 2018-يىللىرى ئارىسىدا قايسى جەھەتلەردە ھەمكارلىق ئورناتقانلىقى ۋە كەلگۈسىدە قانداق پىلانى بارلىقى توغرىسىدا سوئال سورالدى.

بۇنىڭدىن سىرت ھۆكۈمەتتىن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى نېمە ئۈچۈن قوللىغانلىقىمۇ سورالدى.

تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا: «بۇ سوئال ئىستىخبارات ئورۇنلىرىنىڭ ۋەزىپىسىگە چېتىلىدۇ»دېيىلدى.

پارلامېنتتا ھۆكۈمەتتىن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى توغرۇلۇق سورالغان سوئاللارغا ھۆكۈمەتنىڭ تولۇق جاۋاب بەرمەسلىكى،  گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋىتىنى ھېلىھەم داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تەۋە ئىككى ئورگاننىڭ ۋەكىللىرىنىڭ فېدراتىپ ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى بىلەن 2017 ۋە 2018-يىللىرىدا كۆرۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

7-ئىيۇلدا سولچىل پارتىيەدىن ئۇللا جېلپكې پارلامېنتتا ئوتتۇرىغا قويغان سوئاللىرىغا ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ ئەگىتىپ جاۋاب بېرىشلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

جېلپكى ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ بەرگەن جاۋابلىرىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن بۇرۇن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا بولغان قارىشىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكى توغرىسىدا بايانات بەرگەنىدى.

ھۆكۈمەتنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكلاتى توغرۇلۇق سورالغان سوئاللارغا قايىل قىلارلىق جاۋاب بەرمەسلىكى بەزى مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخىمۇ كۆپ سوئال بەلگىسى پەيدا قىلىپ قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر