ھايتى باش مىنىستىرى لافاتونتەن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى
ھايتى باش مىنىستىرى لافاتونتەن ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارنىڭ زواۋانلىق ۋەقەلىرىگە ئايلىنىپ كېتىشىدىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھايتى باش مىنىستىرى جەك گۇي لافاتونتەن ھۆكۈمەتنىڭ يېقىلغۇلارنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرۈش پىلانىغا قارشى باش كۆتۈرگەن نامايىشلاردە مەيدانغا كەلگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى.
لافاتونتەن ئاۋام پالاتاسىدا سۆز قىلىپ ئىستېپانامىنى پىرېزىدېنت جوۋېنېل مويسېگە تاپشۇردى.
پارلامېنت ئەزالىرى لافاتونتەندىن 6-ۋە7-ئىيۇل كۈنلىرى مەيدانغا كەلگەن نامايىشلارنىڭ زوراۋنلىق ۋەقەلىرىگە ئايلىنىپ كېتىشى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلىشتى.
ھايتىدا 6- ئىيۇلدا ھۆكۈمەتنىڭ يېقىلغۇ باھاسىنى %51 ئۆستۈرۈش پىلانىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى، بۇنىڭغا قارىتا ھۆكۈمەت يېقىلغۇ باھاسىنى ئۆستۈرۈش پىلانىنى بىكار قىلىشقا مەجبۇر بولدى.
نامايىشلار ئەسناسىدا ئەڭ ئاز 7 ئادەم ئۆلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.