ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرى سۈرىيە ئارمىيەسىگە ھۇجۇم قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى دىرئەززۇر ۋىلايىتىدە بەششار ئەسەد كۈچلىرىگە ئائىت نىشانلارغا قىلغان ھۇجۇمىدا كەم دېگەندە 40 سۈرىيە ئەسكىرى ئۆلدى.

1012288
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرى سۈرىيە ئارمىيەسىگە ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىرئەززۇرغا قاراشلىق ئەبۇ كەمال رايونىدا تۇرۇشلۇق  بەششار ئەسەد كۈچلىرى «فىرات دەرياسى» نىڭ شەرقىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ كونتىروللۇقىدىكى ھەجىن رايونىغا قاراپ ئىلگىرىلەشكە ئۇرۇندى ھەمدە «فىرات دەرياسى» نىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتۈش ئۈچۈن دەريانىڭ ئۈستىگە كۆچمە كۆۋرۈك سېلىپ، ھەجىن رايونى ئەتراپىغا  يېتىپ باردى. بەششار ئەسەد كۈچلىرى ھەجىن ئەتراپىغا ئورۇنلىشىپ بىرقانچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

ھۇجۇمدا يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېرلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كەم دېگەندە 40 سۈرىيە ئەسكىرى ئۆلدى، قالغانلىرى بولسا رايوندىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئىتتىپاقداش كۈچلىرىگە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بەششار ئەسەد كۈچلىرى «فىرات دەرياسى» نىڭ ئۈستىگە سالغان كۆچمە كۆۋرۈكنى بومباردىمان قىلىپ، ۋەيران قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر