ئىسرائىلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تېل ئاۋىۋدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئېمانۇئېل گىئائۇفرېتنىڭ نارازىلىق ئۇلتىماتومى تاپشۇرۇش ئۈچۈن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلىشى توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈردى.

1011600
ئىسرائىلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى بايانات بېرىپ، نېتانياھۇنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باش مۇدىرىغا ئۇلتىماتوم تاپشۇرۇش ئۈچۈن گىئائۇفرېتنى مىنىستىرلىققا چاقىرتىش توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

«(ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ) ھازىرغىچە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى چۈشەنمىگەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن باياناتتا، ياۋروپالىقلار قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاۋازغا قويۇلۇشىغا مۇداخىلە قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى.

مەزكۇر قارار توغرىسىدا ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىلمىگەن بولسىمۇ، مەھەللىي تاراتقۇلار بۇنىڭ ئىسرائىلىيەدىكى بەزى يېزا – بازارلاردا پەقەت يەھۇدىي نوپۇسىنىڭلا ھايات كەچۈرۈشىگە يول قويۇشنى مەزمۇن قىلغان بىر قانۇن لايىھەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، «ياۋروپالىق دىپلوماتلارنىڭ، ئىسرائىلىيەلىك پارلامېنت ئەزالىرىغا مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ دېموكراتىك پىرىنسىپلارغا زىت، ئايرىمچى ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەنلىكىنى يازغانىدى.

نېتانياھۇ رەھبەرلىكىدىكى لىكۇد پارتىيەسى تەرىپىدىن پارلامېنتقا سۇنۇلغان قانۇن لايىھەسى، ئاپرېل ئېيىدا پارلامېنتتىكى بىرىنچى قېتىملىق ئاۋازغا قويۇشتىلا قوبۇل قىلىنغانىدى. مەزكۇر لايىھە ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى قېتىملىق ئاۋازغا قويۇشلاردىمۇ قوبۇل قىلىنىپ قانۇنلاشقان تەقدىردە، ئالاقىدار يېزا – بازارلار ئىسرائىلىيەلىك ئەرەبلەرنىڭ ئۇ رايونلاردا ھايات كەچۈرۈشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ.

ئىسرائىلىيەدە بىر لايىھەنىڭ قانۇنلىشىشى ئۈچۈن ئۈچ قېتىم پارلامېنتنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتۈشى شەرت قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر