ئامېرىكا شىمالىي كورېيەنى نېفىت ئەتكەسچىلىكى بىلەن ئەيىبلىدى
ئامېرىكا شىمالىي كورېيەنى ئەيىبلەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئېمبارگو كومىتېتىغا ئەرز سۇندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يادرو پىروگراممىسى سەۋەبىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېمبارگو يۈرگۈزۈلگەن شىمالىي كورېيەنى ئامېرىكا «قانۇنسىز يوللار بىلەن خام نېفىت سېتىۋېلىش ئارقىلىق ئېمبارگوغا رىئايە قىلماسلىق» بىلەن ئەيىبلىدى.
ئامېرىكا شىمالىي كورېيەنى نېفىت ئەتكەسچىلىكى بىلەن ئەيىبلەپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئېمبارگو كومىتېتىغا ئەرز سۇندى.
ئامېرىكىنىڭ كومىتېتقا يوللىغان ھۆججىتىدە، شىمالىي كورېيەنىڭ خام نېفىتنى پاراخوتتىن پاراخوتقا يۆتكەش ئارقىلىق ئاز دېگەندە 89 قېتىم خام نېفىت سىتىۋالغانلىقىنى بىلدۈرۈلدى. پىيوڭياڭ دائىرىلىرىنىڭ يىللىق 500 مىڭ ۋارىللىق ئۆلچەمدىن ئۆتۈپ كەتكەنلىكى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئېمبارگولىرىغا رىئايە قىلمىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى شىمالىي كورېيەنىڭ نېفىت سېتىۋىلىشىغا يىللىق 500 مىڭ ۋارىل دەپ ئۆلچەم بەلگىلىگەن ئىدى.
شىمالىي كورېيەگە يادرو پىروگراممىلىرى سەۋەبىدىن 2006 – يىلىدىن بۇيان ئىقتىسادى ۋە ھەربىي ئمېبارگولار ئىجرا قىلىنىپ كەلمەكتە.