تۈركىيە – ئامېرىكا خىزمەت گۇرۇپپىسى يىغىنى

تۈركىيە – ئامېرىكا خىزمەت گۇرۇپپىسى يىغىنى پايتەخت ئەنقەرەدە چاقىىرلماقتا.

1011824
تۈركىيە – ئامېرىكا خىزمەت گۇرۇپپىسى يىغىنى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تېخنىكىلىق سەۋىيەدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى توغرۇلۇق كەڭ دائىرىلىك مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.

بۇ دائىرىدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا چاقىرىلغان يىغىندا، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىغا قارشى  كۈرەش، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئەدلىيە ھەمكارلىقى ۋە ھەر ئىككى دۆلەتتە نازارەت ئاستىدا تۇرۇۋاتقان تۈركىيە ۋە ئامېرىكا پۇقرالىرى مەسىلىلىرى ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدىكەن.

يىغىنغا تۈركىيە ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دائىرىلىرى قاتناشماقتا ئىكەن.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسوننىڭ 16 – فېۋرال كۈنى تۈركىيەگە قىلغان زىيارىتىدە، پىكىر ئوخشىماسلىقلىرىنى تۈگىتىش ۋە ئۆزئارا ئىشەنچ تۇرغۇزۇش مەقسىتىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا مىخانىزم تۇرغۇزۇش قارارلاشتۇرۇلغانىدى.

بۇ دائىرىدە تەشكىل قىلىنغان 3 خىزمەت گۇرۇپپىسىدىن بىرىنىڭ ۋەزىپىسى، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى، ۋىزا ۋە قانۇنىي مەسىلىلەر ھەمدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۈركىيەدە نازارەت ئاستىدا تۇرۇۋاتقان پۇقرالىرى مەسىلىسىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ئىكەن.

يىغىندىن كېيىن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر