ترامپ كىم جوڭئۇننىڭ مەكتۇپىنى دۇنيا جامائەتچىلىكى بىلەن ئورتاقلاشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇننىڭ ئۆزىگە يوللىغان مەكتۇپىنى دۇنيا جامائەتچىلىكى بىلەن ئورتاقلاشتى.

1011589
ترامپ كىم جوڭئۇننىڭ مەكتۇپىنى دۇنيا جامائەتچىلىكى بىلەن ئورتاقلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئۆتكەن ئاي سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئەۋەتىلگەن مەكتۇپقا «شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتىدىن ناھايىتى ياخشى بىر ئۇچۇر. پەۋقۇلئاددە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى» دەپ باھا بەردى.

ترامپ تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق تارقاتقان مەكتۇپتا، «ھۆرمەتلىك پىرېزىدېنت جانابلىرى، سىز بىلەن بۇنىڭدىن 24 كۈن بۇرۇن سىنگاپوردا ئۆتكۈزگەن ناھايىتى مۇھىم ئۇچرىشىشىمىز ۋە بىرلىكتە ئىمزالىغان باياننامىمىز ھەقىقەتەنمۇ مۇھىم بىر سەپەرنىڭ باشلانغۇچىدۇر. سىزنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى نۇقتىغا يېتىشى ۋە باياننامىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن سەرپ قىلغان كۈچ ۋە ئالاھىدە تىرىشچانلىقىڭىزدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىمىزنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشنى خالايمەن. پىرېزىدېنت ئالىيلىرى،  سىز ۋە مەن ئىككىمىز نامايان قىلغان سەمىمىي غەيرەت ۋە مىسلىسىز يېقىنلىشىشنىڭ يېقىن كېلەچەكتە شىمالىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە مېۋە بېرىدىغانلىقىغا كۈچلۈك شەكىلدە ئىشىنىمەن» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر