ياپونىيەدىكى سۇ ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 195 كە چىقتى

ياپونىيەدىكى تاغ غۇلاپ چۈشۈش ۋە سەل ئاپىتى جەريانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 195 كە ئۆرلىدى.

1010848
ياپونىيەدىكى سۇ ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 195 كە چىقتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە دۆلەتلىك ساقچى ئاگېنتلىقى ئالدىنقى ھەپتىدىن بۇيان دۆلەتنىڭ غەربى قىسمىنى تەسىرى ئاستىغا ئالغان شىدددەتلىك يامغۇرلار سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن تاغ غۇلاپ چۈشۈش ۋە سۇ ئاپىتى تۈپەيلى 195 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئالاقىدار مەسئۇللار يوقۇلۇپ كەتكەن 60 كىشىنى ئىزدەپ تېپىش خىزمەتلىرىنىڭ ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ۋە ئادەم ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ھىروشىما، ئوكاياما ۋە ئېھىمە شەھەرىلىرىدە 70 مىڭدىن ئارتۇق قۇتقۇزۇش خادىملىرى جىددىي خىزمەت ئىشلىمەكتە. 

ئوت ۋە تەبىئىي ئاپەتكە قارشى تۈرۈش ئاگنېتلىقىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ھازىر پاناھجايلاردا تەخمىنەن 6700 كىشى بار ئىكەن.

ياپونىيەنىڭ 19 ۋىلايىتىدە جەمئىي 5 مىليون 900 مىڭ كىشى ئۈچۈن بىخەتەر جايلارغا يۆتكىلىش قارارى چىقىرىلغان ئىدى.

باش مىنىستىر شىنزو ئابى ئاپەت سەۋەبىدىن ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا شەرقتە ئېلىپ بارماقچى بولغان زىيارىتىنى كېچىكتۈردى ۋە سەل ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلاردا زىيارەتتە بولدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر