ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى تالىبان بىلەن ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنى سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا چاقىرىلغان خەلقئارا ئۆلىمالار يىغىنىدا ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تالىبان، ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىپ، سۆھبەت مۇساپىسىنى باشلاشقا چاقىرىلدى.

1011152
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى تالىبان بىلەن ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنى سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جىددە ۋە مەككە شەھەرلىرىدە كۆپلىگەن دۆلەتلەردىن كەلگەن 105 ئۆلىمانىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن چاقىرىلغان ئىككى كۈنلۈك «ئافغانىستاندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق» ناملىق يىغىن، «مەككە باياننامىسى» نىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن ئاخىرلاشقان.

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى يۇسۇف بىن ئەھمەد ئەلئۇسەيمىن يېپىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارالىق يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ئۆلىمالارنىڭ قارارلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئافغانىستاندىكى توقۇنۇشلارنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، بارلىق تەرەپلەرنى ئالدىنقى شەرتسىز تىنچلىق ئورنىتىش تەكلىپىدىن پايدىلىنىشقا چاقىردى.

ئۇزۇن زاماندىن بۇيان توقۇنۇشلارغا سەھنە بولۇپ كېلىۋاتقان ئافغانىستانغا مۇقىملىق ۋە تىنچلىق ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋە تالىبانغا ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىپ، بىۋاسىتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى باشلاشقا چاقىرىق قىلىنغان «مەككە باياننامىسى» دە، «ئافغانىستاندا بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ۋەقەلەر، ئىسلامنىڭ ئۆزگەرمەس پىرىنسىپلىرىغا ماس كەلمەسلىك بىلەن بىرگە، مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ بىرلىك ۋە ھەمكارلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى نىشان قىلغان قىممەت – قاراشلارغىمۇ زىتتۇر» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

دۆلەتلەر بىلەن خەلقئارالىق تەشكىلاتلار نوپۇزى ۋە ئىلكىدىكى ئىمكانىيەتلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئافغانىستاندا تىنچلىق ئورنىتىش ۋە بىخەتەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا ھەسسە قوشۇشقا چاقىرىلغان باياننامىدە، ھۆكۈمەت بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشكە خاتىمە بېرىشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق يولىنىڭ مىللىي دىيالوگ ۋە تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر