ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەرمېنىيەلىك مەنسەپدىشى بىلەن كۆرۈشتى

ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەلمار مەھمەدياۋرو بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زوھراب مىناتساكانيان بىلەن كۆرۈشتى.

1011021
ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەرمېنىيەلىك مەنسەپدىشى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەلمار مەھمەدياۋرو شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەر يىغىنى ئۈچۈن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلغا يېتىپ باردى ۋە بۇ جەرياندا ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زوھراب مىناتساكانيان بىلەن كۆرۈشتى.

ئەرمېنىيەدە خەلق ھەرىكىتى ئارقىلىق ھاكىمىيەت ئۆزگەرگەن ۋە يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان بۇ تۇنجى ئۇچرىشىش يىغىنىغا ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مىنسىك گۇرۇپپىسىنىڭ تەڭ دەرىجىلىك باشلىقلىرىدىن ئىگور پوپوۋ، ستېفان ۋىسكونتى، ئاندرېۋ شوففېر ۋە ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى نۆۋەتچى رەئىسىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى ئاندرىزىج كاسپىرىزيىكۇمۇ ئىشتىراك قىلدى.

ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مىنسىك گۇرۇپپىسى تەڭ دەرىجىلىك باشلىقىلىرىغا رەخمەت ئېيتىپ، ئۇلارنىڭ سايىسىدا مۇزاكىرىدىكى دىنامىك كۈچىنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

يىغىن ئاساسەن تۇنۇشۇش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش سەۋىيەسىدە ئېلىپ بېرىلدى.

مۇزاكىرە باسقۇچىدىن باشقا تاللاشنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن تەرەپلەر، بۇ دائىرىدە تىنچلىق رىغبەتلەندۈرىلىدىغان بىر مۇھىتنى يارىتىش، ئۆزئارا ئىشەنچنى كۈچەيتىش، يېرىكچىلىكلەرنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن قەدەم تاشلاش، ئۇرۇش توختىتىشنىڭ مۇقىملىشىشى، ھۇجۇم خاراكتېرلىك باياناتلاردىن ئۇزاق تۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە توختىلىندى.

ھەر ئىككى تەرەپ تاغلىق قاراباغ مەسلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى جەھەتتە پىكىر ئالماشتۇردى.

ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مىنسىك گۇرۇپپىسى تەڭ دەرىجىلىك باشلىقلىرى بولسا، ئەرمېنىيە بىلەن ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىگە كەلگۈسى پىلانلىرىنى سۇندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر