ناتو كۈتۈلۈۋاتقان ماكېدونىيە قارارىنى ئېلان قىلدى

بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا، ماكېدونىيە ناتو بىلەن ئەزالىق مۇزاكىرىلىرىنى باشلاشقا رەسمىي يۇسۇندا تەكلىپ قىلىندى.

1010943
ناتو كۈتۈلۈۋاتقان ماكېدونىيە قارارىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماكېدونىيەنى سۆيۈندۈرگەن بۇ تەكلىپنىڭ، دۆلەتنىڭ جەنۇبتىكى قوشنىسى گىرېتسىيە بىلەن ئۆتكەن ئاي ئىمزالىغان كېلىشىمنى ئورۇندىشىدىن ئىبارەت بىر شەرتى بار.

يىغىننىڭ خۇلاسە دوكلاتىدا، ئىسىم ئۆزگەرتىشكە ئالاقىدار كېلىشىمگە ناھايىتى يۇقىرى باھا بېرىلدى. ناتونىڭ ماكېدونىيەگە ئالاقىدار قارارىنى ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ جامائەتچىلىككە ئۇقتۇردى.

«ئاتىنا (ئافېنا) بىلەن ئۈسكۈپ ئارىسىدىكى تارىخىي كېلىشىمنى سەمىمىيلىك بىلەن تەبرىكلەيمىز» دېگەن يېنس ستولتېنبېرگ، تەشكىلاتقا ئەزا بولغان 29 دۆلەتنىڭ ماكېدونىيەنى رەسمىي يۇسۇندا ناتوغا قېتىلىشقا تەكلىپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1999 – يىلى ناتوغا ئەزالىق ئىلتىماسى سۇنغان ماكېدونىيەنىڭ ئەزا بولۇشقا ئەڭ يېقىنلاشقان چېغى 2008 – يىلى ئىدى. بىراق، بۇكرەشتە چاقىرىلغان يىغىندا گىرېتسىيە ئىسىم مەسىلىسى تۈپەيلى ماكېدونىيەگە ئالاقىدار تەكلىپنى رەت قىلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، دۆلەتنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشى ئۈچۈن، ئىسىم مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى شەرت قىلىنىپ كەلمەكتە ئىدى. ئۆتكەن ئاي ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئىمزالانغان ماكېدونىيەنىڭ ئىسمىنىڭ «شىمالىي ماكېدونىيە جۇمھۇرىيىتى» گە ئۆزگەرتىلىشىنى مەزمۇن قىلغان كېلىشىم، ناتونىمۇ ھەرىكەتكە كەلتۈردى. ماكېدونىيە پارلامېنتىدا قوبۇل قىلىنغان كېلىشىم، سېنتەبىر ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇلىدۇ. كېلىشىم تەقەززا قىلىدىغان ئاساسىي قانۇنلۇق ئۆزگەرتىشلەر روياپقا چىققاندىن كېيىن، ماكېدونىيە يېڭى ئىسمى بىلەن ناتونىڭ 30 – ئەزاسى بولۇش سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر