مېكسىكادا  3 ساقچى مەمۇرى ئۆلتۈرۈلدى

مېكسىكانىڭ شەرقىگە جايلاشقان ۋېراكرۇز ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 3 ساقچى مەمۇرى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1011155
مېكسىكادا  3 ساقچى مەمۇرى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالاقىدار ساقچى مەسئۇللىرى تېزوناپا شەھىرىدە چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان 3 ساقچى مەمۇرىنىڭ قوراللىق كىشىلەر تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھاياتىدىن ئايرىلغان ساقچى مەمۇرلىرىنىڭ رايوندا نېفىت تۇرۇببا لېنىيەسىدىن نېفىت ئوغرىلاش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەنلىكى سەۋەبىدىن چارلاشقا تەيىنلەنگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

ۋەقە ھەققىدە جىددىي تەكشۈرۈش باشلاندى.

دۆلەتكە تەۋە نېفىت شىركىتى «Pemex» فېۋرال ئېيىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، ئالدىنقى يىلى شىركەتكە تەۋە نېفىت تۇرۇببا لېنىيەسىگە 10363 قانۇنسىز تۇرۇببا ئۇلانغانلىقى ئېنىقلانغانلىقىنى يازغان ئىدى.

مېكسىكىدا نېفىت ئوغرىلاش ۋەقەلىرى ھەر يىلى يۇقىرى ئۆرلىگەن ھالدا داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، نېفىت تۇرۇببا لىنىيەسىدە ھەر كۈنى 28 قانۇنسىز ئۇلىنىش بايقالماقتا. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر