بىريۇسسېلدا دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ رەپىقىلىرى بىر يەرگە جەم بولدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى زىيارىتىدە ھەمراھ بولۇۋاتقان رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ رەپىقىلىرى ئۈچۈن بېرىلگەن زىيارەتكە قاتناشتى.

1010874
بىريۇسسېلدا دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ رەپىقىلىرى بىر يەرگە جەم بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باشقا دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ رەپىقىلىرى 24 – ئىيۇن كۈنى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قولغا كەلتۈرگەن سايلام غەلىبىسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەمىنە ئەردوغاننى تەبرىكلىدى.

زىيارەتكە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ رەپىقىسى مېلانىئا ترامپ، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ رەپىقىسى برىگىتتې ماكرون، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ باشلىقىنىڭ رەپىقىسى مالگورزاتا تاسك قاتارلىقلارمۇ ئىشتىراك قىلدى.

ئايال پادىشاھ ئېلىزابىت مۇزىكا زالىدا بېرىلگەن زىيارەتتە كونسېرت ۋە مودا نومۇرلىرى كۆرسىتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر