سەئۇدى ئەرەبىستان ئىرانغا نوتا تاپشۇردى

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىراننىڭ پارىس قولتۇقىدىكى سۇ تەۋەلىكى رايونلىرىغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ  ئىرانغا نوتا تاپشۇردى.

1010355
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىرانغا نوتا تاپشۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان خەۋەر ئاگېنتلىقى (SPA) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رىياد ھۆكۈمىتى ئىراننى پارىس قولتۇقىدىكى سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئائىت سۇ تەۋەلىكى رايونلىرىدىكى نېفىت مۇئەسسەسەلىرى جايلاشقان چەكلەنگەن رايونلارغا تاجاۋۇز قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ ئىرانغا نوتا تاپشۇرغان.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىراننى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى 1968 – يىلى ئىمزالانغان كېلىشىمگە ئاساسەن دېڭىز چېگراسىغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىگە خاتىمە بېرىشكە چاقىرغان.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ئابدۇللاھ بىن يەھيا ئەلمۇئەللىمى ئىران ھۆكۈمىتىگە ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېسكە نوتا تاپشۇرۇلغان بولۇشىغا قارىماي ئىرانغا ئائىت پاراخوتلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئىراننىڭ بۇ تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قارشى تېگىشلىك تەدبىرلەرنى ئالغانلىقىنى قەيىت قىلغان مۇئەللىمى، «ئىراننىڭ بۇ تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ھەرقانداق بىر زنياننىڭ جاۋابكارلىقى تېھران ھۆكۈمىتىگە ئائىتتۇر» دېگەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئىران تەرەپ بۇ ھەقتە تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر