ياپونىيەدە مەيدانغا كەلگەن سۇ ئاپىتىدە ئونلارچە ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى

ياپونىيەنىڭ غەربىي بىلەن ئوتتۇرا قىسمىنى تەسىرى ئاستىغا ئالغان شىددەتلىك ھۆل – يېغىن كەلتۈرۈپ چىقارغان سۇ ئاپىتى ۋە تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەلىرىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 134 كە يەتتى.

1009472
ياپونىيەدە مەيدانغا كەلگەن سۇ ئاپىتىدە ئونلارچە ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئادەم ئۆلۈش ئەھۋاللىرى خىروشىما، ئېخىما، ئوكاياما، ياماگۇچى، كيوتو، گىفۇ، شىفا، خيوگو، كوچى ۋە فۇكۇئوكا رايونلىرىدا كۆرۈلدى.

ھۆكۈمەت باياناتچىسى يوشىخىدې سۇگا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، سۇ ئاپىتى ۋە تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەلىرىدە ئۆلگەنلەردىن سىرت 50 ئادەمنىڭ ئىزدېرىكىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە ئىشتىراك قىلغان پۇقراۋى قوغدىنىش، دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئە ئەترىتى، ساقچى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى سانىنىڭ 75 مىڭغا چىقىرىلغانلىقىنى قەيت قىلغان سۇگا، ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىدە 80 تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، سۇ ئاپىتىگە قارشى كۈرەشكە مەسئۇل مەخسۇس كومىتېت قۇرۇلغانلىقىنى ۋە بۇ كومىتېتقا 18 مىليون دوللار خامچوت ئايرىلغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ياپونىيە، 19 ۋىلايەتتىكى 5 مىليون 900 مىڭ كىشىنى بىخەتەر جايلارغا تارقاقلاشتۇرۇش توغرىسىدا قارار چىقارغان، ئاپەت يۈزىسىدىن باش مىنىستىر شىنزو ئابې ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا شەرقتە ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارەتلىرىنى كېچىكتۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر