ئامېرىكا پ ك ك / ي پ گ غا قورال يوللاشنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا

ئامېرىكا، تۈركىيەنىڭ ئېتىراز بىلدۈرۈشىگە قارىماي بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ نى قوللاپ – قۇۋۋەتلەشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

1009442
ئامېرىكا پ ك ك / ي پ گ غا قورال يوللاشنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ئېتىراز بىلدۈرۈشىگە قارىماي بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ نى قوللاپ – قۇۋۋەتلەشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئامېرىكا دائىرىلىرى، سۈرىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ھاسەكە شەھىرىدىكى ئاساسىي گەۋدىسىنى پ ك ك تېررورچىلىرى تەشكىل قىلىدىغان دېموكراتىك سۈرىيە كۈچلىرىگە 200 يۈك ئاپتوموبىلى قورال يوللىدى.

ۋاشىنگتون، 200 ئاپتوموبىلغا قاچىلانغان قورال ۋە لازىمەتلىكلەرنى ھاسەكەگە يەتكۈزۈپ بەردى؛ ئامېرىكا تەمىنلىگەن قوراللارنىڭ ئىراق ئارقىلىق سۈرىيەدىكى دېموكراتىك سۈرىيە كۈچلىرى بىلەن ئىراق چېگرا مۇھاپىزەتچىلىرى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىۋاتقان سىمالكا چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

دېموكراتىك سۈرىيە كۈچلىرى مەنبەلىرى، ئۆزلىرىگە بېرىلگەن قوراللارنىڭ ھاسەكەنىڭ جەنۇبىدا دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى داۋاملىشىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەردە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا دېموكراتىك سۈرىيە كۈچلىرىگە ئىيۇن ئېيىدىمۇ 250 يۈك ئاپتوموبىلى ئېغىر تىپلىق قورال ۋە بىرونېۋىكلارنى ئەۋەتكەنىدى.

بۇ قېتىم ئەۋەتىلگەق قوراللارنى قوشقاندا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سۈرىيە كىرىزىسى باشلانغان 2011 – يىلىدىن ھازىرغىچە دېموكراتىك سۈرىيە كۈچلىرىگە كەم دېگەندە 5000 يۈك ئاپتوموبىلى ئېغىر تىپلىق قورال يوللىغان بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر