ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمى 10 كىشىنىڭ جېنىغا زامېن بولدى

ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى نانگارخار ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى جالالئاباد شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمى 10 كىشىنىڭ جېنىغا زامېن بولدى.

1009752
ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمى 10 كىشىنىڭ جېنىغا زامېن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نانگارخار ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ئاتائۇللاھ ھوڭيانىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، زوراۋان ئۈستىگە تېڭىۋالغان بومبىنى ئاخباراتچىلار جالالئاباد شەھىرىنىڭ 6 – رايونىدا ئاپتوموبىل تەكشۈرۈۋاتقاندا پارتلاتقان، پارتلاشتا 10 كىشى ئۆلگەن، بىرى ئېغىر 4 كىشى يارىلانغان، پارتلاشنىڭ تەسىرىدە يېقىن ئەتراپتىكى ئاپتوموبىللارمۇ كۆيۈپ كەتكەن.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر