مۇھسىن گەرۇيان: ساياھەتچىلەرگە مەجبۇرىي ياغلىق چەگكۈزۈش توغرا ئەمەس

ئىراندا كونسېرۋاتىپ كىملىكى بىلەن تونۇلغان دىنىي زاتلاردىن ھۇججەتۇلئىسلام مۇھسىن گەرۇيان، مەجبۇرىي ياغلىق ئارتقۇزۇش تۈزۈمىنىڭ ئىرانغا كەلگەن ساياھەتچىلەرگە نىسبەتەن كۈچكە ئىگە بولماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

1009694
مۇھسىن گەرۇيان: ساياھەتچىلەرگە مەجبۇرىي ياغلىق چەگكۈزۈش توغرا ئەمەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇھسىن گەرۇيان، ئىراندا چىقىدىغان «تىجارەت» ناملىق بىر گېزىتنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش جەريانىدا، شەرئىي ۋە فىقھىي نۇقتىدىن ساياھەتچىلەرگە ياغلىق ئارتىشنى تېڭىشنىڭ دىندا يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، «ساياھەتچىلەر ئۆزلىرى خالىسا، ياغلىق ئارتسا بولىدۇ. دىنىي نۇقتىدىن ئۇلارنى مەجبۇرلاشقا بولمايدۇ» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بىز باشقا دۆلەتلەرگە بارغىنىمىزدا ئۆزىمىزنىڭ بىلگىنىچە قانداق ھەرىكەت قىلساق، ساياھەتچىلەرگىمۇ ئۆزلىرىنىڭ قائىدىسى بويىچە ھەرىكەت قىلىشىغا يول قويۇلۇشى كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر