مېكسىكا يەنە بىر قانلىق قوراللىق ھۇجۇمغا سەھنە بولدى

مېكسىكانىڭ جالىسكو ئۆلكىسىگە قاراشلىق گۇئادالاجارا شەھىرىدىكى بىر ئۆيگە قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا 7 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1009683
مېكسىكا يەنە بىر قانلىق قوراللىق ھۇجۇمغا سەھنە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساقچى ئەمەلدارى دېيۋىد توۋار، ھۇجۇمچىلارنىڭ شەھەرگە يېقىن يەردە زىياپەت ئۆتكۈزۈۋاتقان بىر ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىپ 7 ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

جالىسكو باش مۇپەتتىشى رائۇل سانچېز جىمېنېز، ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئۆينىڭ زەھەرلىك چېكىملىك سودىسى قىلىنىدىغان بىر ئورۇن ئىكەنلىكىنى ئېنىقلانغانلىقىنى، ۋەقەگە ئالاقىدار تەكشۈرۈشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

تۈنۈگۈنمۇ مېكسىكىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان مونتېررېي شەھىرىدە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 15 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 9 ئادەم يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر