مايك پومپيو شىمالىي كورېيەنى ۋيېتنامنى ئۈلگە ئېلىشقا چاقىردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپيو شىمالىي كورېيەگە ۋيېتنامدىن ئۆگىنىشنى تەۋسىيە قىلدى.

1008464
مايك پومپيو شىمالىي كورېيەنى ۋيېتنامنى ئۈلگە ئېلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپيو، شىمالىي كورېيەنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئەينى چاغدا ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئەشەددىي  دۈشمىنى بولغان ۋىيېتنامنىڭ ھازىر تۇتقان يولىدىن پايدىلىنىش لازىملىقىنى ئېيتتى.

شىمالىي كورېيە ۋە ياپونىيەدىن كېيىن ۋىيېتنامنى زىيارەت قىلغان پومپيو، ۋىيېتنامنىڭ كونا دۈشمىنى ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇش ئارقىلىق «ئىقتىسادىي مۆجىزىلەر»نى ۋۇجۇدقا چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پىيوڭياڭ ھۆكۈمىتىگە ۋىيېتنامغا ئوخشاش يول تۇتۇشى لازىملىقىنى تەۋسىيە قىلدى.

پايتەخت خانويدا ئامېرىكا-ۋىيېتنام سودا كېڭىشىنىڭ ۋەكىللىرىگە خىتاب قىلغان پومپيو، ۋىيېتنامنىڭ ئامېرىكا ئارىسىدا ئۇزۇن يىللار داۋام قىلغان توقۇنۇشتىن كېيىن 1995-يىلى ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇشنى قارار قىلغانلىقىنى، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن گۈللەنگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكىنىڭ كونا دۈشمەنلىرىگە بەرگەن ۋەدىلىرىنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى ئېيتقان پومپيو سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «شىمالىي كورېيەگە ۋىيېنتام تەجرىبىسىدىن ساۋاق ئېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن، ھازىر بىز ۋىيېتنام بىلەن جېدەل قىلىشنىڭ ئورنىغا ھەمكارلىق ئورناتتۇق، بۇ ئەھۋال ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە ماڭغان دۆلەتنىڭ كەلگۈسىنىڭ پارلاق بولىدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر. ۋىيېتنامنىڭ ھازىرقى سەۋىيەگە كېلىشى ۋە ئامېرىكا-ۋيېتنام ئارىسىدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى بۇرۇنلاردا خىيال قىلىشمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. مەن بۇلارنى كۆزدە تۇتقان ھالدا پىرېزىدېنت كىم جوڭئۇنغا شۇنى تەۋسىيە قىلىمەن: پىرېزىدېنتىمىز ترامپمۇ سىزنىڭ ۋيېتنامغا ئوخشاش يول تۇتىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىدۇ، بۇ تېپىلغۇسىز پۇرسەتتىن پايدىلىنىڭ، سىزمۇ مۆجىزە يارىتىڭ، شىمالىي كورېيە بۇ مۆجىزىدىن قۇرۇق قالمىسۇن.»

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپيو شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن تازىلاش مەسىلىسىدە «بىتەرەپ بولمىغان ۋە قارا جەمئىيەت گۇرۇھلىرىدەك تەلەپلەر»نى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بايانات بېرىشىگە قارىتا، يۇقىرىدەك سۆزلەرنى قىلىشقا مەجبۇر بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر