ئىراندا بىر ئاكادېمىك سۇننىي دىنىي ئالىم سۇيىقەستكە ئۇچرىدى

سۇننىي دىنىي ئالىم مەۋلىۋى ئابدۇششۇكۇر تەرشابىغا سۇيىقەست قىلغۇچىلارنىڭ تېخىچە كېملىكى ئېنىقلانمىدى.

1006342
ئىراندا بىر ئاكادېمىك سۇننىي دىنىي ئالىم سۇيىقەستكە ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى سىستان بەلۇچىستان ئۆلكىسىگە قاراشلىق خاش ناھىيەسىدە ئاكادېمىك سۇننىي دىنىي ئالىم مەۋلىۋى ئابدۇششۇكۇر تەرشابى قوراللىق سۇيىقەست سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلدى.

خاش مۇئاۋىن ھاكىمى مۇھەممەد ئەھمىدى بولاگ دىنىي ئالىم مەۋلىۋى ئابدۇششۇكۇر تەرشابىغا ئەتىگەندە تېخىچە كېملىكى ئېنىقلانمىغان قوراللىق كىشىلەرنىڭ سۇيىقەست قىلغانلىقىنى ۋە سۇيىقەستتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئاكادېمىك سۇننىي دىنىي ئالىم مەۋلىۋى ئابدۇششۇكۇر تەرشابىنىڭ ئۆلتۈرۈلىشى ناھىيە خەلقىگە نىسبەتەن ئىنتايىن ئازابلىنارلىق يوقۇتۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن مۇھەممەد ئەھمىدى بولاگ: «ئەبدۇششۇكۇر تەرشابى ئۆز ساھەسىدە يېتىشكەن ئاكادېمىك ئالىم ۋە سەرخىل زاتلارنىڭ بىرسى ئىدى. رايوندا ئىسلامىي بىرلىك ۋە بىر پۈتۈنلۈكنىڭ ھىمايىچىسى ئىدى» دېدى.

ئىران ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ كىملىكى ئېنىقلىنىپ، قولغا ئېلىنىشى ئۈچۈن خىزمەتلەرنىڭ داملىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

سۇننىي دىنىي ئالىم مەۋلىۋى ئابدۇششۇكۇر تەرشابىنىڭ مېيىتى ئەتە خاش ناھىيەسىدە يەرلىكىگە قويۇلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر