يەمەندىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلىنغان راكېتامىيوت ھۇجۇمىدا بىر بالا يارىلاندى

يەمەن تۇپراقلىرىدىن ئېتىلغان بىر راكېتامىيوتنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جازان رايونىغا چۈشۈشى نەتىجىسىدە بىر بالا يارىلاندى.

1005691
يەمەندىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلىنغان راكېتامىيوت ھۇجۇمىدا بىر بالا يارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى جازان پۇقراۋى مۇداپىئە ئىشلىرى باياناتچىسى يەھيا ئەلقەھتانى، يەمەندىن ئېتىلغان «كاتيۇشا» تىپلىق بىر راكېتامىيوتنىڭ جازاندىكى ماھۇلە رايونىغا چۈشۈشى نەتىجىسىدە 5 ياشلىق بىر بالىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتقان، ئەمما ئۇ بالىنىڭ يارىسىنىڭ ئېغىر ياكى ئەمەسلىكى، دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇلمىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن.

ئىگىلىنىشىچە، ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئاتقان 150 تىن ئارتۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋادا پاچاقلاپ تاشلانغان، بەزى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جەنۇبىي رايونلىرىغا چۈشكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر