«ئىراننىڭ نېفىت ئېكسپورت قىلىشىغا توسالغۇ بولساڭلار ئاقىۋىتىگە ئۆزۈڭلار مەسئۇل بولىسىلەر»

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ئامېرىكىنىڭ ئىراننىڭ نېفىت ئېكسپورت قىلىشىغا توسالغۇ بولغان تەقدىردە، ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1004992
«ئىراننىڭ نېفىت ئېكسپورت قىلىشىغا توسالغۇ بولساڭلار ئاقىۋىتىگە ئۆزۈڭلار مەسئۇل بولىسىلەر»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ئامېرىكا ئىراننىڭ نېفىت ئېكسپورتىغا توسالغۇ بولغان تەقدىردە، رايون دۆلەتلىرىنىڭمۇ نېفىت ئېكسپورتى قىلالمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

رۇھانىي شىۋېيتسارىيەدە زىيارەتتە بولىۋاتقاندا  ئامېرىكىنىڭ ئىران نېفىتىغا دۇنيا مىقىياسىدا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە تەييارلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ئامېرىكىنىڭ ئىراننىڭ نېفىت ئېكسپورتىنى پۈتۈنلەي توختىتىش كويىدا يۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان رۇھانى: ئامېرىكا نېمە دەۋاتقانلىقىنى بىلمەيۋاتىدۇ، ئامېرىكا ھاكىمىيىتى ئىرانغا بىر تامچىمۇ نېفىتنى ئېكسپورت قىلدۇرمايمىز، دەپتۇدەك. بۇنداق بولسا رايوندىكى بارلىق دۆلەتلەرمۇ نېفىت ئېكسپورت قىلالمايدۇ، ئىران نېفىتىنى ئېكسپورت قىلالمىسا رايون دۆلەتلىرى قانداقمۇ نېفىتىنى ئېكسپورت قىلالىسۇن؟، دېدى.

رۇھانى يەنە مۇنداق دېدى: «ئىراننىڭ نېفىت ئېكسپورت قىلىشىغا توسالغۇ بولساڭلار ئاقىۋىتىگە ئۆزۈڭلار مەسئۇل بولىسىلەر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر