ياپونىيە ھەربىي تەدبىرلىرىنىڭ سالمىقىنى يېنىكلەتتى

ياپونىيە شىمالىي كورېيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا قارشى ئېلىپ كېلىۋاتقان ھەربىي تەدبىرلىرىنىڭ سالمىقىنى يېنىكلەتتى.

1003890
ياپونىيە ھەربىي تەدبىرلىرىنىڭ سالمىقىنى يېنىكلەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىغا قارشى ئېلىپ كېلىۋاتقان ھەربىي تەدبىرلىرىنىڭ سەۋىيەسىنى تۆۋەنلەتتى.

«ئاساخى شىمبۇن»گېزىتىنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىن بىر ئەمەلدارنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسەن بەرگەن خەۋىرىدە، ياپونىيە مۇداپىئە قىسىملىرى سىرتتىن ئېتىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى توسۇش ۋە ۋاقتىدا بايقاش ئۈچۈن ياپونىيە  دېڭىزىدا « Aegis »تىپلىق ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى داۋاملىق ۋەزىپەگە قويۇش پىروگراممىسىنى بىكار قىلدى.

خەۋەردە ياپونىيە ئەسكەرلىرىنىڭ جاسوس سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنۈشلىرى ئارقىلىق بايقالغان راكېتامىيوتلارنى توسۇش ئۈچۈن ھەر زامان تەييار ھالەتتە تۇرىدىغانلىقلىرىمۇ ئەسكەرتىلدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيە تىنچ ئوكياندىكى ئاگاھلاندۇرۇش سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكىنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنى كۆزىتىپ كەلگەن.

ياپونىيە شىمالىي كورېيەنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش ئېھتىمالىنى كۆزدە تۇتۇپ يىللاردىن بۇيان ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان مەملىكەت خاراكتېرلىك قوغدىنىش مانېۋىرىنىمۇ توختىتىپ قويدى.

ياپونىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مەسئۇللىرى بۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇمات بەرمىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن بىلەن بۇ يىل 12-ئىيۇندا سىنگاپوردا كۆرۈشكەنىدى.

ئىككى پىرېزىدېنت كۆرۈشۈشتە كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن تازىلاش ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورېيە ئارىسىدا دىپلوماتىك مۇزاكىرىلەرنى ئۆتكۈزۈش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىشقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر