«شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو پىروگراممىسىنى بىر يىل ئىچىدىلا بىر تەرەپ قىلىپ بولىمىز»

ئاقساراي مەملىكەتلىك خەۋپسىزلىك ئىشخانىسى مەسلىھەتچىسى جون بولتون ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو پىروگراممىسىنى بىر يىل ئىچىدىلا بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1003806
«شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو پىروگراممىسىنى بىر يىل ئىچىدىلا بىر تەرەپ  قىلىپ بولىمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئاقساراي مەملىكەتلىك خەۋپسىزلىك ئىشخانىسى مەسلىھەتچىسى جون بولتون، شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللىرى ۋە بالسىتىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پائالىيەتلىرىنى بىر يىل ئىچىدە پۈتۈنلەي بىكار قىلىش ئۈچۈن پىلان تۈزۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.

بولتون  « CBS » تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ۋاشىنگىتون ھاكىمىيىتىنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللىرى ۋە بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىروگراممىسىنى بىر يىل ئىچىدە پۈتۈنلەي بىكار قىلىش ئۈچۈن پىلان تۈزۈپ بولغانلىقىنى، ئېمبارگولارنىڭ تېز سۈرئەتتە ئەمەلدىن قېلىشىنى ۋە جەنۇبىي كورېيە بىلەن ياپونىيە ۋەدە بەرگەن ياردەملەرنىڭ بۇرۇنراق باشلىشىنى كۈتىۋاتقان شىمالىي كورېيەلىكلەرنىڭمۇ ھەمكارلىق ئورنىتىشقا ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتۇشى لازىملىقىنى ئەسكەرتتى.

بولتون شىمالىي كورېيە ھاكىمىيىتى بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتقان مۇزاكىرىلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق كېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «شىمالىي كورېيەلىكلەرنىڭ ئۆتمۈشتە نېمىلەرنى قىلغانلىقىنى بەش قولدەك بىلىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر