ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا بىر گېزىت بىناسىغا قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا نۇرغۇن كىشى ئۆلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مارىلاند ئىشتاتىنىڭ ئانناپولىس شەھىرىدىكى بىر گېزىت بىناسىغا قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا كەم دېگەندە 5 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 2 كىشى يارىلاندى.

1002356
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا بىر گېزىت بىناسىغا قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا نۇرغۇن كىشى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مارىلاند ئىشتاتىنىڭ ئانناپولىس شەھىرىدىكى «‹ the Capital › گېزىتى» نىڭ خەۋەر مەركىزىگە بېسىپ كىرگەن زوراۋان تۈتەك بومبىسى ئاتقاندىن كېيىن سىلىق سىتۋوللۇق مىلتىق بىلەن ئەتراپقا قالايمىقان ئوق چىقارغان، ساقچىلار دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، زوراۋاننى قولغا ئالغان، بىنادىكى 170 كىشى تارقاقلاشتۇرۇلغان، زوراۋان كىملىكىنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بارماقلىرىغا زىيان يەتكۈزگەن، شۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭ كىملىكى يۈز تونۇش سىستېمىسى ئارقىلىق ئېنىقلاپ چىقىلغان.

ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جاررود راموس ئىسىملىك 38 ياشلىق زوراۋان ئىلگىرىمۇ گېزىتكە ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە تەھدىت سالغان، ھۇجۇم يۈز بەرگەن بىنادا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا پارتلاتقۇچ تېپىلغان.

زوراۋان 2012 – يىلى ئۆزىگە بوھتان چاپلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەزكۈر گېزىت ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنغان.

ۋەقەدىن كېيىن دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى نىيۇ يوركتىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا ئائىت بىنالارنىڭ ئەتراپلىرىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قاتتىق كۈچەيتكەن. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېگەن: «ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا دۇئا قىلىۋاتىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر