بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنى زىيارەت قىلىدۇ

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنى زىيارەت قىلىدۇ.

1002540
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنى زىيارەت قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ باياناتچىسى ستېپھان دۇجاررىچ  كۈندىلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، باش كاتىپ ئانتونىئو گۇتېررېسنىڭ  1 – 2 – ئىيۇل كۈنلىرى باڭلادېشتا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى .

دۇجاررىچ، زىيارەتتىن 2017 – يىلى بىرما ئارمىيەسىنىڭ زوراۋانلىقىدىن قاچقان ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنى باغرىغا باسقان ۋە ئەڭ كۆپ كۆچمەننى قوبۇل قىلغان باڭلادېشنىڭ مەرتلىكى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ ھەقتە ئاراكان مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن نېمە قىلىپ بېرىشى لازىملىقىغا دىققەت قوزغاش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئارانلانلىق مۇساپىلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يولىدا باڭلادېش ھۆكۈمىتى بىلەن مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئانتونىئو گۇتېررېسنىڭ 2 – ئىيۇل كۈنى كوكس بازاردىكى مۇساپىرلار لاگېرلىرىغا بېرىپ، ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنى زىيارەت قىلدىىغانلىقىنى، باش كاتىپقا زىيارىتىدە دۇنيا بانكىسىنىڭ باشلىقى جىم يوڭكىم بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى فىلىپپو گراندىنىڭ ھەمراھ بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان دۇجاررىچ، ئۇچرىشىشلاردا، ئاراكانلىقلارنىڭ بىخەتەر، ئۆز ئىختىيارى بىلەن ۋە شان – شەرىپى قوغدالغان ئاساستا ئۆي – ماكانلىرىغا قايتىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرۇلۇق سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر