ئىران: ئامېرىكا ئىراننىڭ دائىمىي دۈشمىنىدۇر

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى (ئا ق ش) نىڭ ھەردائىم دۆلىتىنىڭ دۈشمىنى بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

1001003
ئىران: ئامېرىكا ئىراننىڭ دائىمىي دۈشمىنىدۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەسنىم خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇھەممەد جەۋاد زەرىف ئىران پارلامېنتى ۋىلايەت مەجلىسى گۇرۇپپىسى بىلەن ئۆتكۈزگەن يىغىندا يېقىنقى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا توختىلىپ، ئا ق ش نىڭ ھەردائىم ئىراننىڭ دۈشمىنى بولۇپ كەلگەنلىكىنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن بەزى تەرەپلەرنىڭ ترامپنىڭ خىزمەت جەدۋىلى ئارىسىغا ئىران دۈشمەنلىكىنى قىستۇرۇپ قەدەم تاشلىشى ئۈچۈن ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلغانلىقىنى ئېيتقان ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئامېرىكا ئىنقىلابنىڭ بېشىدىن تارتىپلا ئىران ھاكىمىيىتى ۋە خەلقىگە دۈشمەن ئىدى. ھازىرمۇ دۈشمەن، كېلەچەكتىمۇ دۈشمەن بولىدۇ. بۇ ئىشنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلىرى ياكى دېموكراتچىلىرى يوق. پەقەت مېتودلىرىلا پەرقلىنىدۇ» دېگەن.

زەرىف، ئا ق ش ئەمەلدارلىرىنىڭ، خەلقنىڭ مۇجاھىدلىرى تەشكىلاتىدىن ئىلھام ئېلىپ، ئىرانغا مۇداخىلە قىلالايمىز، دەپ ئويلىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جون بولتون خەلقنىڭ مۇناپىقلىرى (مۇجاھىدلىرى) تەشكىلاتىنىڭ يىغىنلىرىغا ئىشتىراك قىلىدۇ، سۆز قىلىدۇ، پۇل ئالىدۇ. بولتون، خەلقنىڭ مۇناپىقلىرى تەشىكلاتىنىڭ مائاشلىق خىزمەتچىسىدۇر. ئا ق ش نى باشقۇرۇۋاتقان ئىران بىلەن ئۇرۇش قىلماي تۇرۇپ نىشانلىرىغا يېتىشنى ئويلاۋاتىدۇ» دېگەن.

مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بۇرۇن ئا ق ش نىڭ ئىرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارلىرىغا پۈتۈنلەي رىئايە قىلغانلىقىنى، نۆۋەتتە ھېچبولمىغاندا ئېغىزىدا بولسىمۇ ۋاشىنگتونغا قارشى چىقىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مۇھىم بولغىنى ئامېرىكىنىڭ بېسىملىرىغا قاچانغىچە بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر