ئامېرىكىلىق سىياسەتچى: تۈركىيە ئوتتۇرا شەرقتە كەم بولسا بولمايدىغان بىر شېرىك

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى (ئا ق ش)، تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە كەم بولسا بولمايدىغان بىر شېرىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1000975
ئامېرىكىلىق سىياسەتچى: تۈركىيە ئوتتۇرا شەرقتە كەم بولسا بولمايدىغان بىر شېرىك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئا ق ش تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مەسلىھەتچىسى ۋېس مىتچېل، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ياۋروپا ۋە رايونغا ئالاقىدار خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقى توغرىسىدا سۆز قىلىپ، «تۈركىيە، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش، كۆچمەنلىككە قارشى كۈرەشتىكى تەۋرەنمەس شېرىك، ئىران بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان دىيالوگنىڭ ۋاز كېچىشكە بولمايدىغان بىر پارچىسى. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىرلىكتە خىزمەت قىلىشنى خالايمىز» دېدى ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ۋېس مىتچېل، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 2016 – يىلى 15 – ئىيۇلدىكى خائىنلارچە ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى بىلەن ئالاقىسى بارلىقى دەلىللىنىپ قانۇنىي جەھەتتىن تەكشۈرۈلۈۋاتقان ئامېرىكىلىق راھىب برۇنسون، تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن S-400 تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە قالقان سىستېمىلىرىنى سېتىۋېلىشى، سۈرىيەنىڭ شىمالىنىڭ مۇقىملىققا ئىگە قىلىنىشى دېگەندەك مەسىلىلەرنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى كۈنتەرتىپنى مەشغۇل قىلىۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر