ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بىلەن گىرېتسىيە باش مىنىستىرى تۈركىيە توغرۇلۇق بىردەكلىك ھاسىل قىلدى

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرىزې مېي بىلەن گىرېتسىيە باش مىنىستىرى ئالېكسىس چىپراس ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا 2016 – يىلى ئىمزالانغان «كۆچمەنلەر كېلىشىمى» نى ئىشقا ئاشۇرۇش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.

1000535
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بىلەن گىرېتسىيە باش مىنىستىرى تۈركىيە توغرۇلۇق بىردەكلىك ھاسىل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى «10 – نومۇرلۇق» ئىشخانىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېي بىلەن گىرېتسىيە باش مىنىستىرى ئالېكسىس چىپراس تۈنۈگۈن پايتەخت لوندوندا ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشىدا، گىرېتسىيە دۇچ كېلىۋاتقان قانۇنسىز كۆچمەنلەر مەسىلىسى، قانۇنسىز كۆچمەنلەر مەسىلىسىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا 2016 – يىلى ئىمزالانغان «كۆچمەنلەر كېلىشىمى» نى چۆرىدىگەن ھالدا ئىشقا ئاشۇرۇش ئارقىلىق ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىش توغرۇلۇق ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغان.

ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشىدىن كېيىنمۇ قانۇنسىز كۆچمەنلەر كىرىزىسىگە ھەل قىلىش چارىسى تېپىشتا داۋاملىق ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرىزې مېي، دۆلىتىنىڭ ئەگە دېڭىزىدىكى كۆچمەنلەرنى ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى ئۈچۈن قوشۇمچە بىر چېگرا بىخەتەرلىكى پاراخوتى ئەۋەتىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان.

رايونلۇق مەسىلىلەر توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشتا، تېرىزې مېي بىلەن ئالېكسىس چىپراس قىبرىس مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يولىدا قەدەم تاشلاشنىڭ زۆرۈرلۈكى توغرىلىقمۇ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، تېرىزې مېي بىلەن ئالېكسىس چىپراس ئۇچرىشىشتا يەنە، تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان دىيالوگنىڭ رايونلۇق مۇقىملىق ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ئەسكەرتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر