ياۋروپا ئىتىتپاقى بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى «سودا ئۇرۇشى» بارغانچە كەسكىنلەشمەكتە

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى سودا ئۇرۇشى ئاپتوموبىل ساھەسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن تېخىمۇ كەسكىنلەشتى.

1000041
ياۋروپا ئىتىتپاقى بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى «سودا ئۇرۇشى» بارغانچە كەسكىنلەشمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا باشلىغان سودا ئۇرۇشىغا ئاپتوموبىل ساھەسىمۇ قوشۇلدى.

ئامېرىكىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتۇپ سىرتتىن ئېمپورت قىلىنىدىغان پولات-تۆمۈر ۋە ئاليۇمىنغا قوشۇمچە تاموژنا بېجى يولغا قويۇش بەلگىلىمىسىگە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىمۇ قوشۇشى سەۋەبىدىن ئىككى تەرەپ ئارىسىدا سودا ئۇرۇشى بىخلىنىشىقا باشلىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى سودا ئىختىلاپلىرى كۈندىن-كۈنگە كەسكىنلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئاپتوموبىللاردىنمۇ قوشۇمچە باج ئېلىش مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كەلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى مۇئاۋىن باشلىقى جىيركى كاتايىن مۇنداق دېدى: «ئەگەر ئامېرىكا ياۋروپادىن ئىمپورت قىلىدىغان ئاپتوموبىللاردىنمۇ قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىشنى يولغا قويسا، بىزمۇ تېگىشلىك جاۋابنى قايتۇرىمىز.»

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان ئاپتوموبىل ۋە زاپچاسلارنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى پەيدا قىلىپ قىلماسلىقى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ.

ۋولكسۋاگېن( Volkswagen)، دايىملەر (Daimler) ۋە ب م ۋ (BMW) غا ئوخشاش غول ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنىڭ ئامېرىكىدىمۇ زاۋۇتلىرى بار.

قوشۇمچە تاموژنا بېجى بەلگىلىمىسىگە ئاپتوموبىل ساھەسىنىڭ كىرگۈزۈلۈشىنىڭ ئىقتىسادىي تەسىرلىرىنىڭ زور بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىقتىسادىي ۋە خەلقئارا سودىدا ئاپتوموبىل مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

سودا ئۇرۇشىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكىغىلا ئەمەس، دۇنيا ئىقتىسادىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاقىۋەتلەرگە سەۋەب بولىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر