تۈركىيە-ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ ئورتاق چارلاش ئېلىپ بېرىشى ھەققىدىكى مۇزاكىرىلەر داۋام قىلماقتا

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئاندرىيان راكىنېگاللوۋېي سۈرىيەنىڭ مۇنبىچ ناھىيەسىدە تۈركىيە-ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ ئورتاق چارلاش ھەرىكىتىنىڭ قاچان باشلىنىدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچرىشىشلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

999898
تۈركىيە-ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ ئورتاق چارلاش ئېلىپ بېرىشى ھەققىدىكى مۇزاكىرىلەر داۋام قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون، بەش بۇرجەكلىك بىنا) نىڭ باياناتچىسى ئاندرىيان ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

 ئۇ تۈركىيە ۋە ئامېرىكا مۇداپىئە ئەمەلدارلىرىنىڭ "مۇنبىچ لايىھەسىنى ئىجرا قىلىش پىلانى" مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن 22-23-ئىيۇن كۈنلىرى ئەنقەرە كۆرۈشكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مەزكۇر مۇزاكىرەلەردە، مەسئۇل ئەمەلدارلارنىڭ پىلاننىڭ ئىككىنچى باسقۇچىغا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: "ئۆتكەن ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنلار 4-ئىيۇندا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغان مۇنبىچ لايىھەسىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن تۈركىيە-ئامېرىكا مۇداپىئە ئەمەلدارلىرى ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان دىيالوگلارنىڭ ۋە مۇنبىچ ئەتراپىدا خەۋپسىزلىك ھەمدە مۇقىملىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قارىتىلغان ۋەدىلىرىمىزنىڭ بىر پارچىسى ئىدى" دېدى.

ئۇ تۈركىيە-ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ قاچان بىرلىكتە چارلاش ئېلىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا: "بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچرىشىشلار داۋاملىشىۋاتىدۇ" دەپ جاۋاب بەردى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ 4-ئىيۇن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بىلەن كۆرۈشۈپ، مۇنبىچنىڭ ئۈچ باسقۇچلۇق پىلانىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان ئىدى.

مۇنبىچ پىلانىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ|پ ك ك تېرروىستلىرىنىڭ ناھىيەدىن؛ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا چېتىشلىق كىشىلەرنىڭ ناھىيەلىك مەجلىس ۋە كېڭەشتىن چىقىرىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

ئىككى دۆلەت پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان پىلاندا يەنە، تۈركىيە-ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ دەسلەپتە مۇنبىچ ئەتراپلىرىدا ئۆز ئالدىغا بىر-بىرىگە ماسلاشقان ھالدا چارلاش ئېلىپ بېرىش، كېيىنچە ناھىيەدە بىرلىكتە چارلاش ئېلىپ بېرىش تەكلىپ قىلنىدۇ.

تۈركىيە ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى يەكشەنبە (24-ئىيۇن) كۈنى ئىككى دۆلەت قىسىملىرىنىڭ فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكەت ساھەسى بىلەن مۇنبىچ ئارىسىدىكى لىنيەدە، تۆتىنچى قېتىملىق ئۆز ئالدىغا ۋە بىر-بىرىگە ماسلاشقان چارلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر