پەلەستىنلىك ياش رەسسام ئەردوغانغا بولغان سۆيگۈسىنى رەسىم بىلەن ئىپادىلىدى

پەلەستىنلىك 21 ياشلىق رەسسام بەھا ئەل ھارىبى «بىز جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ پەلەستىنگە تۇتقان پوزىتسىيەدىن ئىپتىخارلىنىمىز» دېدى.

999804
پەلەستىنلىك ياش رەسسام ئەردوغانغا بولغان سۆيگۈسىنى رەسىم بىلەن ئىپادىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىنلىك 21 ياشلىق رەسسام بەھا ئەل ھارىبى «چوڭ قايتىش يۇرۇشى» نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلگەن غەززەنىڭ خان يۈنۈس شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى ئىسرائىلىيە چېگراسىدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ چوڭ رەسىمىنى سېزىپ، ئەردوغاننىڭ 24ئىيۇندا قولغا كەلتۈرگەن سايلام زەپىرىنى تەبرىكلىدى.

بەھا ئەل ھارىبى تەكىمەن ئىگىزلىكى 3 مېتىر ۋە كەڭلىكى 1 يېرىم مېتىر كېلىدىغان ئاق رەختكە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەسىمىنى سىزدى.

ياش رەسسام ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئەردوغاننىڭ سايلامدا قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن بۇ رەسىمنى سىزغانلىقىنى ئېيتتى.

بەھا ئەل ھارىبى رەسىمنى ئىسرائىلىيە چېگراسىغا يېقىن يەردە سىزىش ئارقىلىق جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ پۈتۈن پەلەستىنلىكلەرنىڭ قەلب تەختىدە ئورۇن ئالغانلىقىنى ناماي قىلماقچى بولغانلىقىنى تەكىتلەپ، «بۇ رەسىمنى دۇنيا رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدا پەلەستىن مەسلىسىنى ھەممىدىن بەك قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن، ھەر دائىم يېنىمىزدا ئورۇن ئالغان ۋە بىز مۇقەددەس بىلىدىغان قىممەت قاراشلارنى ئىلگىرى سۈرگەن كىشى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەردوغانغا ئاتاپ سىزدىم. ئۇنى تەبرىكلەيمىز، بىز ئۇنىڭ بىزگە تۇتقان پوزىتسىيەدىن ئىپتىخارلىنىمىز» دېدى. 

ھارىبى سىزغان رەسىمىنى ئەردوغانغا يەتكۈزۈشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر