دېمىستۇرا مۇزاكىرە دىپلوماتىيەسىنى داۋاملاشتۇرماقتا

ب د ت (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى) سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ستېفان دېمىستۇرانىڭ سۈرىيە ئۈچۈن ئۆزئارا مۇزاكىرە دىپلوماتىيەسى ئىزچىل داۋام قىلماقتا.

1000166
دېمىستۇرا مۇزاكىرە دىپلوماتىيەسىنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دېمىستۇرا ئامېرىكا، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئىيوردانىيەنىڭ مەسئۇل ئەمەلدارلىرى بىلەن شىۋېيتسارىيە پايتەختى جەنۋەدە سۈرىيە مەسىلىسى بويىچە كۆرۈشتى. ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى ئىشخانىسىدا ئاخباراتقا يېپىق شەكىلدە يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2254-نومۇرلۇق قارارى رامكىسىدا سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك جەنۋەدىكى سىياسىي ھەل قىلىش مۇساپىسى مۇزاكىرە قىلىندى. 

دېمىستۇرا يىغىندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئۆزگىرىۋاتقان ئەھۋاللار توغرىسىدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

"سۈرىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدا داۋاملىشىۋاتقان ھەربىي تىركىشىشلەردىن پەيدا بولغان قايغۇ-ئەندىشەلەر تىلغا ئېلىندى ۋە زوراۋانلىقلارنى دەرھال توختىتىش چاقىرىق قىلىندى."

ئۇ يىغىندا يەنە، سۈرىيەدە سىياسىي مۇرەسسەنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن خەلقئارالىق ئاكتىيورلار ئوتتۇرىسىدا ئورتاق ئاساس يارىتىش ئۈچۈن كۆرسىتىلگەن دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنىڭ داۋاملىشىشى توغرىسىدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

دېمىستۇرانىڭ يىغىنغا قاتناشقان ئالتە دۆلەتنىڭ سىياسىي مۇساپە ئۈچۈن ب د ت نى قوللىغانلىقىدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تىلغا ئالغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، دېمىستۇرانىڭ ئاساسىي قانۇن كومىتېتى ۋە سىياسىي مۇساپىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرەدە مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن تەرەپلەرنى يەنە بىر قېتىم جەنۋەگە تەكلىپ قىلدى.

دېمىستۇرا ئۆتكەن ھەپتە ئاستانا مۇساپىنىڭ كاپالەت بەرگۈچى دۆلەتلىرى بولغان تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ مەسئۇللىرى بىلەن جەنۋەدە سۈرىيەدە ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن كۆرۈشكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر