رىيادقا ئېتىلغان 2 بالىستىك راكېتامىيوت بىتچىت قىلىندى

شىئە ھۇسىيلار تەرىپىدىن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادقا ئېتىلغان راكېتامىيوتلار ۋەيران قىلىندى.

999210
رىيادقا ئېتىلغان 2 بالىستىك راكېتامىيوت بىتچىت قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەندىن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادقا ئېتىلغان 2 بالىستىك راكېتامىيوت ھاۋادىلا بىتچىت قىلىندى.

سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلى «ئەل-ئىھبارىيە»نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، يەمەندىكى شىئە ھۇسىيلار تەرىپىدىن ئېتىلغان بالىستىك راكېتامىيوتلارنى سەئۇدى ئەرەبىستان ھاۋا ئارمىيەسى قىسىملىرى رىياد ئاسمىنىدىلا بىتچىت قىلىۋەتكەن.

خەۋەردە بۇ توغرۇلۇق تەپسلىي مەلۇمات بېرىلمىدى.

بۇنىڭدىن سىرت، شىئە ھۇسىيلارغا تەۋە ئەل-مەسىرا تېلېۋىزىيە قانىلىدا تارقىتىلغان خەۋەردە، تەشكىلاتنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق ئۇچۇر-ئالاقە مەركىزىگە «ۋلقان-2»تىپلىق بالىستىك راكېتامىيوت ئېتىپ بەزى جايلارنى بىتچىت قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرى 2015-يىلى 26-مارتتىن بۇيان يەمەندىكى قانۇنلۇق ھۆكۈمەتنى ھەربىي جەھەتتىن قوللاپ كېلىۋاتقان بولسا، شىئە ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بەزى جايلىرىغا ھۇجۇم قوزغاپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر