سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئاياللار بۈگۈن ئاپتوموبىل ھەيدەپ يوللارغا چىقتى

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئاياللارنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدىشىگە رۇخسەت قىلىش بەلگىلىمىسىنىڭ بۈگۈندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغانلىقى، ئاياللارنىڭ ئاپتوموبىللىرى بىلەن يوللارغا چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.

998351
سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئاياللار بۈگۈن ئاپتوموبىل ھەيدەپ يوللارغا چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان ئۆلىمالىرى ئوتتۇرىغا قويغان دىنىي سەۋەبلەر تۈپەيلى ھازىرغىچە ئاياللارنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدىشى چەكلىنىپ كەلگەنىدى. بۇ چەكلىمە بۈگۈندىن باشلاپ رەسمىي يۇسۇندا بىكار قىلىندى.

«ئىخبارىييە» ۋە «ئەلئەرەبىييە» قاناللىرى، يېڭى قارار ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان تۇنجى سائەتلەردىن تارتىپلا ئاپتوموبىل ھەيدەپ كوچىلارغا چىققان ئاياللارنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى تارقاتتى.

سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز ئال سۇئۇد 26 – سېنتەبىر (2017) دە قارارنامە ماقۇللاپ، ئاياللارنىڭمۇ شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئېلىپ 24 – ئىيۇندىن ئېتىبارەن ئاپتوموبىل ھەيدەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ 2030 – يىللىق تەرەققىيات پىلانى، ئاياللارنىڭ ئەمگەك بازىرىغا ئىشتىراك قىلىش نىسبىتىنى %22 دىن %30 گە چىقىرىشنى نىشان قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر