جامەگە ھۇجۇم قىلغان جىنايەتچىگە 150 يىللىق قاماق جازاسى بېرىش تەلەپ قىلىندى

كانادانىڭ كۇبېك سىتى شەھىرىدە 2017-يىلى بىر جامەگە بېسىپ كىرىپ، ناماز ئوقۇۋاتقان ئالتە كىشىنى ئۆلتۈرگەن ئالېكساندېر بىسسونېتتېنى 150 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىش تەلەپ قىلىندى.

995853
جامەگە ھۇجۇم قىلغان جىنايەتچىگە 150 يىللىق قاماق جازاسى بېرىش تەلەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادادا بىر جامە ھۇجۇمچىسىغا 150 يىللىق قاماق جازاسى بېرىش تەلەپ قىلىندى. جاۋابكار ئالېكساندېرنىڭ دېلوسىغا قاراۋاتقان تەپتىش خادىمى توماس جەكۋىسنىڭ تەلىپى، كانادا تارىخىدا بىر كىشى ئۈچۈن تەلەپ قىلىنغان ئەڭ ئۇزۇن قاماق جازاسى بولۇپ قالدى.

تەپتىش خادىمى جەكۋىس جاۋابكار ئالېكساندېر ئېتىراپ قىلغان جىنايەتكە، ئۇ ئۆلتۈرگەن ھەر بىر كىشى ئۈچۈن بىرىنچى دەرىجىلىك جىنايەت كاتېگورىيەسىدىن 25 يىلدىن قاماق جازاسى بېرىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، جەمئىي 150 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

 ئۇ ئالېكساندېر ئۆتكۈزگەن جىنايەتنىڭ دۆلەت تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، سوتچىدىن جاۋابكارنى شەرتلىك قويۇپ بېرىش ئىمكانىيىتىدىن پايدىلاندۇرغۇزماسلىقنىمۇ تەلەپ قىلدى.

سوتچى فرانچويىس خوت جاۋابكار ئالېكساندېرنىڭ جىنايىتىنىڭ، بىر گۇرۇپپىنى ۋە مۇسۇلمانلارنى نىشان قىلغانلىقى نۇقتىسىدىن ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان جىنايەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. سوتچى فرانچويس خوت مۇنداق دېدى:

"ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، 50 دىن 52 گىچە بولغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مەلۇم بىر گۇرۇپپىغا تەۋە بولغانلىقى ئۈچۈن نىشان قىلىنغانلىقى، ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ئەھۋال. قورقۇنچلىق بىر ئەھۋالنى ئادەمنى دەھشەتكە سالىدىغان يەنە بىر ئەھۋال بىلەن سېلىشتۇرۇش ناھايىتى قىيىن."

جاۋابكار ئالېكساندېرنىڭ ئادۋوكاتلىرى شەرتلىك قويۇپ بېرىلىشتىن ئىلگىرى مەھبۇسلارنىڭ تۈرمىدە ئۆلۈشى بىلەن نەتىجىلىنىدىغان ئېغىر جازالارنىڭ ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، جاۋابكارنىڭ شەرتلىك قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا.

سوت جەريانىنى كۆزىتىۋاتقان كۇبېك ئىسلام مەدەنىيەت جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد لابىبى تەپتىش خادىمىنىڭ تەلىپىنىڭ، بۇ خىلدىكى چۈشەنچە ۋە قاراشتىكى كىشىلەرگە سىگنال بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ: "بۇنداق ھۇجۇملارنىڭ قەتئىي يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن كۈچلۈك قارارلار بېرىلىشى لازىم. ئالېكساندېر مۇشۇ ۋاقىتقىچە ئۆزىنىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى" دېدى.

سوت سېنتەبىردە ھۆكمىنى ئېلان قىلىدۇ.

28ياشلىق ئالېكساندېر 2017-يىلى 29-يانۋار كۇبېك سىتى ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ جامەسىگە خۇپتەن نامىزى ۋاقتىدا بېسىپ كىرىپ، ناماز ئوقۇۋاتقان جامائەتنى ئوققا تۇتقان ئىدى. ۋەقەدە ئالتە كىشى جېنىدىن ئايرىلىپ، سەككىز كىشى يارىلانغان ئىدى.

ھۇجۇمدىن كېيىن ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان ئالېكساندېر بىسسونېتتې دەسلەپتە جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلمىغان، ئەمما كېيىنچە جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئالتە قېتىم بىرىنچى دەرىجىلىك جىنايەت ئۆتكۈزۈش ۋە ئالتە قېتىم جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر