دونالد ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇننىڭ ئۇچرىشىشى 40 مىڭ قېتىم تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

ئامېرىكا تېخنىكا شىركىتى «F5 Networks» ۋە سانلىق مەلۇمات شېرىكى «Loryka» سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى.

995610
دونالد ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇننىڭ ئۇچرىشىشى 40 مىڭ قېتىم تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىنگاپوردا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىش جەريانىدا، 40 مىڭ قېتىم تور ھۇجۇمى يۈز بەردى.

ئامېرىكا تېخنىكا شىركىتى «F5 Networks» ۋە سانلىق مەلۇمات شېرىكى «Loryka» تەرىپىدىن ئىگىلەنگەن سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 12ئىيۇندىكى دونالد ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇننىڭ ئۇچرىشىشى جەريانىدا يۈز بەرگەن تور ھۇجۇملىرىنىڭ %88 ى رۇسىيە مەنبەلىك، %8 ى بىرازىلىيە مەنبەلىك ۋە %2 ى گېرمانىيە مەنبەلىك بولغان.

2% لىك ھۇجۇملارنىڭ ئىچىدە يەنە، ئامېرىكا ۋە كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرنى مەنبە قىلغان ھۇجۇملارمۇ بار.

سىنگاپور تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئورگىنى «CSA» بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇچرىشىش جەريانىدا ئۇتۇققا ئېرىشكەن بىرەر ھۇجۇمنىڭ بايقالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر