ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق ئېنېرگىيە مىنىستىرى ئىرانغا جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى

ئىران ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ نازارەتكە ئېلىنغان ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق مىنىستىرى ۋە پارلامېنت ئەزاسى گونېن سېگېۋ جۈمە كۈنى چەت ئەلدىن تۇتۇپ كېلىندى.

994788
ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق ئېنېرگىيە مىنىستىرى ئىرانغا جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق مىنىستىرى ۋە پارلامېنت ئەزاسى ئىران ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ نازارەتكە ئېلىندى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ئىچكى ئىستىخبارات ئورگىنىنىڭ باياناتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 1992يىلىدىن 1995يىلىغىچە بولغان جەرياندا ئېنېرگىيە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ۋەزىپىسى ئۆتىگەن سابىق پارلامېنت ئەزاسى گونېن سېگېۋ، ئىران ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىش ۋە ئۇرۇش مەزگىلىدە دۈشمەنگە ياردەم قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ نازارەتكە ئېلىنغان.

باياناتتا، گونېن سېگېۋنىڭ تۇنجى بولۇپ، ئىراننىڭ نىگېرىيەدىكى باش ئەلچىخانىسىدا بىر تۈركۈم ئىران مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى، ئاندىن ئىراندا 2 قېتىم زىيارەتتە بولۇپ، بەزى كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغانلىقى ئېلىگىرى سۈرۈلدى.

سابىق ئېنېرگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى ۋە پارلامېنت ئەزاسى گونېن سېگېۋ نىگېرىيەدە ياشاۋاتقان بولۇپ، ماي ئېيىدا ئېكۋادور گىنېسىدىكى زىيارىتى جەريانىدا يەرلىك ساقچىلار تەرىپىدىن نازارەتكە ئېلىنىپ، ئىسرائىلىيەگە قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكى ۋە جۈمە كۈنى ئىسرائىلىيەگە تۇتۇپ كېلىنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

گونېن سېگېۋ بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ گوللاندىيەدىن ئىسرائىلىيەگە 30 مىڭ زەھەرلىك چېكىملىك تابلىتى ئېلىپ كىرىشكە ئۇرۇنۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، 2005يىلى 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

گونېن سېگېۋ تۈرمىدە 2 يىل ياتقاندىن كېيىن 2007يىلى قويۇپ بېرىلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر