شىۋېتسىيەدە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

ھۇجۇمنىڭ تېروررلۇق بىلەن ئالاقىسى بار ياكى يوقلۇقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.

995194
شىۋېتسىيەدە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيەنىڭ مالمو شەھىرىدە بىر ئىنتېرنېتخانىدىن چىقىۋاتقان كىشىلەرگە قوراللىق ھۇجۇم قىلىنىشى سەۋەبىدىن 3 كىشى ئۆلۈپ، 3 كىشى يارىدار بولدى.

شىۋېتسىيە دۆلەتلىك كوماندىسىنىڭ رۇسىيەدىكى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە، جەنۇبىي كورېيەنى مەغلۇب قىلغانلىقىنى تەبرىكلىمەكچى بولغان بىر گۇرۇپپا ياش بىر ئىنتېرنېتخانىدىن چىقىۋاتقان پەيتتە، ئاپتوماتىك قورال بىلەن ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. 

يارىدار بولغانلاردىن بىرسىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ساقچىلار رەڭگى قويۇق بىر ئاپتوموبىلدا قاچقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمچىنى ئىزدەپ تۇتۇش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

شىۋېتسىيەدە يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان كوچا لۈكچەكلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش جېدەللەرنىڭ ئەۋج ئېلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

ھۇجۇمنىڭ تېررورلۇق بىلەن ئالاقىسى بار ياكى يوقلۇقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر