ئانجېلىنا جۇلى دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئىراقتىكى كۆچمەنلەرگە ياردەم قىلىشقا چاقىردى

ئانجېلىنا جۇلى: «توقۇنۇشلاردا يولدىشى ۋاپات بولغان ۋە تۇرۇشلۇق ئۆيلىرىنى ئۆزلىرى ياساۋاتقان تۇل ئاياللارنىمۇ كۆردۈم، بۇ ئاياللارنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە يېتىم پەرزەنتلىرىمۇ بار ئىدى» دېدى.

994084
ئانجېلىنا جۇلى دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئىراقتىكى كۆچمەنلەرگە ياردەم قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ياخشى نىيەتلىك ئەلچىسى ئانجېلىنا جۇلى دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئىراقتىكى كۆچمەنلەرگە ياردەم قىلىشقا چاقىردى.

ئانجېلىنا جۇلى ئىراقنىڭ دۇھوك ۋىلايىتىدىكى دۇمىز لاگېرىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىردى ۋە ئۆتكەن بىر يىلدىن كېيىنكى ئەمدىكى ۋەزىيەتتە لاگېرلاردىكى كۆچمەنلەرنىڭ ئەھۋالىنىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئانجېلىنا جۇلى: «مۇسۇل شەھىرىدىكى ۋەيرانچىلىقنى ئوچۇق كۆردۈم. كىشىلەر تىببىي ۋە باشقا مۇلازىمەت ياردەملىرىگە قاتتىق ئېھتىياجلىق ئىكەن. توقۇنۇشلاردا يولدىشى ۋاپات بولغان ۋە تۇرۇشلۇق ئۆيلىرىنى ئۆزلىرى ياساۋاتقان تۇل ئاياللارنىمۇ كۆردۈم، بۇ ئاياللارنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە يېتىم پەرزەنتلىرىمۇ بار ئىدى» دېدى.

ئانجېلىنا جۇلى ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنى ۋە خەلقئارالىق ئورگانلارنى ئىراقتىكى كۆچمەنلەرگە ياردەم قىلىشقا ۋە بۇلارنىڭ ئۆز يۈرتلىرىغا قايتالىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا چاقىرىق قىلدى. 

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ياخشى نىيەتلىك ئەلچىسى ئانجېلىنا جۇلى ئىراقتا بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ دائېشنىڭ ھۇجۇمى سەۋەبىدىن ئۆيماكانلىردىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان كۆچمەنلەرنى زىيارەت قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر