ترامپنىڭ رەپىقىسى ئامېرىكىنىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتىنى ئەيىبلىدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ رەپىقىسى مېلانىئا ترامپ، چېگرادا ئائىلەرنىڭ ئايرىۋېتىلگەنلىكىنى كۆرۈشتىن «نەپرەتلىنىدىغانلىقى» نى ئېيتتى.

994526
ترامپنىڭ رەپىقىسى ئامېرىكىنىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېلانىئا ترامپنىڭ باياناتچىسى ستېفانىې گرىشام، مېلانىئا ترامپنىڭ ئامېرىكىنىڭ قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە قارشى «چېگرادا قەتئىي يول قويماسلىق» سىياسىتى تۈپەيلى مىڭلارچە بالىنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىدىن ئايرىپ قالغانلىقىنى كۆرۈشتىن «نەپرەتلىنىدىغانلىقى» نى ۋە «چېگرانىڭ ھەر ئىككى تەرىپىدىكى دۆلەتلەرنىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتىنى ئىسلاھ قىلىشى» نى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

باياناتچى گرىشام، مېلانىئا ترامپ ھەققىدە توختىلىپ، ئۇ «قانۇنلارغا رىئايە قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ۋىجدان بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان بىر دۆلەتكە ئېھتىياجىمىز بارلىقىغا ئىشىنىدۇ» دېدى.

ئامېرىكا ئىچكى خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى سانلىق مەلۇماتلىرى، دۆلەت چېگراسىدىكى قانۇنسىز ئۆتۈشلەردە 19 – ئاپرېلدىن 31 – ئاپرېلغىچە بولغان جەرياندا، 2 مىڭغا يېقىن بالىنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر