ئەنگلىيە تۈركىيە پۇقرالىرى  ئۈچۈن ئۇزۇن مۇددەتلىك تۇرمۇش رۇخسىتى بېرىش بەلگىلىمىسىنى يولغا قويدى

ئەنگلىيە ئىچكى ئىشلار  مىنىستىرلىقى ئەنگلىيەدە ئۆز كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياكى ئىشلەيدىغان تۈركىيە پۇقرالىرى ئۈچۈن قايتىدىن ئۇزۇن مۇددەتلىك تۇرمۇش رۇخسىتى بېرىش بەلگىلىمىسىنى يولغا قويدى.

993337
ئەنگلىيە تۈركىيە پۇقرالىرى  ئۈچۈن ئۇزۇن مۇددەتلىك تۇرمۇش رۇخسىتى بېرىش بەلگىلىمىسىنى يولغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى قارارنامىسىگە ئاساسەن، «ئەنقەرە كېلىشىمى» دەپ بىلىنىدىغان «ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسى كېلىشىمى» دائىرىسىدە ۋىزا ئالغان تۈركىيە پۇقرالىرى ئەنگلىيەدە ئۇدا 5 يىل داۋاملىق تۇرغان ۋە ئىشلىگەندىن كېيىن ئۇزۇن مۇددەتلىك تۇرمۇش رۇخسىتى ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنالايدىكەن.

تۈركىيە پۇقرالىرى بۇنىڭدىن بۇرۇنقى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەنگلىيەدە ئۇدا 4 يىل داۋاملىق تۇرغاندىن كېيىن ئۇزۇن مۇددەتلىك تۇرمۇش رۇخسىتى ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنالايتتى.

ئەنگلىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى مارت ئېيىدا بىر سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ ھەقتە قارار چىقىرىشىدىن كېيىن، تۈركىيە پۇقرالىرىغا ئۇزۇن مۇددەتلىك تۇرمۇش رۇخسىتى بېرىش بەلگىلىمىسىنى توڭلىتىپ قويغان، ئۆز كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تۈركىيە پۇقرالىرىغا ئۇزۇن مۇددەتلىك تۇرمۇش رۇخسىتى بېرىش ھوقۇقىغا ئېرىشتۈرىدىغان ۋىزا ئېلىش بەلگىلىمىسىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.

تۈركىيە 1959 – يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئىسمى بولغان «ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى» گە ئىلتىماس سۇنغان، 1963 – يىلى تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ گەۋدىگە ئەزا دۆلەتلەردە خىزمەت قىلىش ياكى ئىشلەش ھوقۇقىغا ئېرىشەلىشى ئۈچۈن ۋىزا ئېلىشى مەزمۇن قىلىنغان «ئەنقەرە كېلىشىمى» ئىمزالانغاندى.

ئەنگلىيەدىكى تۈركلەر بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن 1 يىللىق تۇرمۇش رۇخسىتى ئالغاندىن كېيىن، رۇخسىتىنىڭ مۇددىتى توشقاندا يەنە 3 يىل ئۇزارتالايتتى، ئاخىرىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك تۇرمۇش رۇخسىتى ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنالايتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر