ترامپ: نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىدىكى سەۋەب «ئوپېك» تۇر

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، نېفىت باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشىغا نېفىت ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەر تەشكىلاتى – ئوپېكنىڭ سەۋەبچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

992637
ترامپ: نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىدىكى سەۋەب «ئوپېك» تۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىجتىمائىي ئورتاقلىشىش تورى تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «نېفىت باھالىرى ناھايىتى يۇقىرى، ئارقىسىدا يەنە ئوپېك بار، بۇ ياخشى (ئەھۋال) ئەمەس» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

دونالد ترامپ ئاپرېل ئېيىدىمۇ «ئوپېك» نى نېفىت باھاسىنى سۈنئىي يوللار ئارقىلىق ئۆستۈرۈش بىلەن ئەيىبلىگەنىدى.

نېفىت ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەر تەشكىلاتى – ئوپېك، نېفىت باھالىرى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلىگەندىن كېيىن، 2016 – يىلى نويابىردا ئىشلەپچىقىرىشنى قىسقارتىشنى قارار قىلغانىدى. ئۇدا بىر قانچە قېتىم مۇددىتى ئۇزارتىلغان ئىشلەپچىقىرىشنى قىسقارتىش قارارىنىڭ ئىناۋەت مۇددىتى مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدۇ.

ئوپېكقا ئەزا ۋە ئەزا ئەمەس دۆلەتلەر مىنىستىرلىرىنىڭ 22-، 23 – ئىيۇندا ۋىيېننادا چاقىرىدىغان يىغىنىدا، ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار قارارنىڭ مۇقىمدىلىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر